قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختاتسا قانداق جازالىنىدۇ؟

2018-04-16 18:57:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئاسانلا چارچاش بولىدۇ، ئۇدا نەچچە سائەت ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئورۇندا بىرئاز ئۇخلىۋېلىپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىشكە بولىدۇ. بىراق، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختاتسا جازالىنىدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش ساقچىلىرى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا خالىغانچە ئاپتوموبىل توختىتىشقا بولمايدۇ، تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختاتقانلار جازالىنىدۇ.
(1) يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىدىن باشقا ئاپتوموبىللارنى ھەيدىگەنلەر ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىدا توختىسا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 6 نومۇر تارتىلىدۇ؛
(2) يولۇچىلار ئاپتوۋۇزىدىن باشقا ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ جىددى ئەھۋالغا يولۇقماي تۇرۇپ جىددى ئەھۋال يولىدا توختىغانلارغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 6 نومۇر تارتىلىدۇ؛
(3) يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى ھەيدەپ يۈرۈش يولىدا توختىغانلارغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 12 نومۇر تارتىلىدۇ؛
(4) يولۇچىلار ئاپتوۋۇزىنى ھەيدەپ جىددى ئەھۋال يۈز بەرمىگەندە جىددى ئەھۋال يولىدا توختىغانلارغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 12 نومۇر تارتىلىدۇ؛
(5) يولدا ئاپتوموبىل كاشىلىغا، ھادىسىگە  ئۇچراپ توختىغاندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە چىراق ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى ئىشلەتمىگەنلەرگە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 3 نومۇر تارتىلىدۇ.
   ئۇنىڭدىن باشقا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ.
(1) نەق مەيداندا بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىشنى جازالاش.
  يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى توختىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قارىتا، ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى نەق مەيداندا بولسا، قاتناش ساقچىسى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئاندىن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىنى دەرھال كەتكۈزىۋېتىدۇ. ئادەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر پەقەت تېز سۈرئەتتە كېتىپ قالغاندا، جەرىمانە قويۇلىدىغان جازاغا ئۇچرىمايدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى كېتىشنى رەت قىلسا، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلى باشقا ئاپتوموبىل، ئادەملەرنىڭ يول يۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلسا 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
(2) نەق مەيدان بولمىغان جايدا ئاپتوموبىل توختاتسا جەرىمانە قويۇلىدۇ.  ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى نەق مەيداندا بولماي، جەرىمانە باغاقچىسى، تالونى چاپلانغاندىن باشقا، ئەگەر توختىتىلغان ئاپتوموبىل باشقا ئاپتوموبىل، ئادەملەرنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى قىلغان بولسا، قاتناش ساقچى تارماقلىرى بۇ ئاپتوموبىلنى قاتناشقا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان ئورۇنغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلىگەن ئورۇنغا  يۆتكەپ كېتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى