قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساقچىنىڭ تەقلىدى رەسىمى ئايرىلغىنىغا 24 يىل بولغان ئاتا بالىنى جەم قىلدى

2018-04-16 19:02:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1994- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى، چېڭدۇلۇق ۋاڭ مىڭجىننىڭ قىزى ۋاڭ چىفېڭ يۈتۈپ كەتتى. شۇندىن بۇيان ئۇ قىزىنى ئىزدەشنىڭ ئۇزۇن مۇساپىسىنى باشلىدى.
  24 يىلدىن كېيىن، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ بىيشئېى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق كاڭ يىڭ توردىكى ئادەم ئىزدەش ئېلانىغا چىقىرىلغان رەسىمنىڭ ئۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا- ئانىسى تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغانلىقىنى بىلگەچكە، توردىكى ئۇچۇر ئارقىلىق ۋاڭ مىڭچىڭ بىلەن ئالاقىلاشتى. مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى dna (قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى) تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن كاڭ يىڭنىڭ دەل ۋاڭ مىڭچىڭنىڭ  24 يىل بۇرۇن يۈتۈپ كەتكەن قىزى ۋاڭ چىفېڭ ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. مۇشۇ ئاينىڭ3- كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاخىرى يۈز كۆرۈشتى. مۇشۇ دەقىقىلەرنى بۇ يىل 50 ياشقان كىرگەن ۋاڭ مىڭچىڭنىڭ كۈتىۋاتقىنىغا 24 يىل بولغانىدى.
1994-يىلى1- ئاينىڭ8- كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاڭ مىڭچىڭ بىلەن ئايالى قىزىنى ئېلىپ چېڭدۇ شەھىرىنىڭ جيۇ يەنچياۋ ئەتراپىدىكى كوچىغا  مېۋە ساتقىلى باردى. بىردەمدىلا مېۋە سېتىۋالىدىغان خېرىدار كۆپىيىپ، ئەر- ئايال ئىككەيلەن مېۋە سېتىش بىلەن بوپ كېتىپ 4 ياشلىق قىزىغا قارىيالماي قالدى، خېرىدارلار كەتكەندىن كېيىنلا ئايالى يېنىدا ئويناۋاتقان قىزىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى. شۇ كۈنى ئۇ ئىككەيلەن جيۇ يەنچياۋنىڭ بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىغىچە ئىزدىدى ھەم بارلىق ئۇرۇق-تۇققان، دوست- بۇرادەرلىرىنى ياردەمگە چاقىرىپ، چېڭدۇدىكى ۋاگزال، ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكەتلىرىگىچە ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن ساقچىخانىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلدى. بىراق، يۈتۈپ كەتكەن قىزى پەقەتلا تېپىلمىدى. جيۇ يەنچياۋ ۋاڭ مىڭچىڭنىڭ يۈرىكىگە ئۆچمەس داغ قالدۇرغان جاي بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ قىزىنىڭ 4 ياشقا توشىدىغان تۇغۇلغان كۈنىگە 10كۈنلا قالغاندى.
دۇنيا ھەقىقەتەن بەك چوڭ، ۋاڭ مىڭچىڭ قىزىنى قەيەردىن ئىزدەشنى بىلەلمەي بېشى قاتتى. دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇ نەچچە كۈندىلا بىر قېتىم ساقچىخانىغا بېرىپ سۈرۈشتۈردى. بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىدىن ئىزدىدى، يۈتۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئارخىپىنى تەكشۈردى، گېزىتكە ئېلان بەردى،-- ۋاڭ مىڭچىڭ «ئويلىيالىغان ئامال- چارىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ باقتىم، يەنە نەچچە قەدەم مېڭىپ باقسام، نەچچە ئادەمدىن ئارتۇقراق سوراپ باقسام يېڭى خەۋەر ئاڭلارمەنمۇ؟» دىگەن ئوي- خىياللار بىلەن قىزىنى ئىزدەشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى، ئۇ ھامان بىر كۈنى قىزىنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
   2015-يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدا، ۋاڭ مىڭچىڭ تاكسى ھەيدەشكە باشلىدى، تاكسىغا ئادەم ئىزدەش ئېلانى چاپلاپ، ئورۇندۇقلارغا ئادەم ئىزدەش كارتىسىنى قويۇپ قويدى. تاكسىغا چىققان ھەربىر خېرىدارغا1994- يىلى1- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىزىنى ئىزدەۋاتقانلىق خەۋىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىتىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلدى. كېيىن ۋاڭ مىڭچىڭنىڭ قىزىنى ئىزدەۋاتقانلىق خەۋىرىنى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر قىلدى، بىر مەزگىل چېڭدۇ شەھىرىدە ۋاڭ مىڭچىڭنىڭ قىزىنى ئىزدىشىگە ياردەملىشىش پۈتۈن جەمىيەت قاتناشقان ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.
ۋاڭ مىڭچىڭ ئادەم ئىزدەش ئېلانىغا قىزى ۋاڭ چىفېڭنىڭ ماڭلىيىدا بىر كىچىك تاتۇقى بارلىقى، يىغلىسا بولمايدىغانلىقى، يىغلىسىلا ئاشقازىنىنىڭ ئاغرىيدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى يېزىلغاندى . بىراق، 4 ياشتىلا يۈتۈپ كەتكەن قىزىنى يۈتۈپ كېتىشتىن بۇرۇن سۈرەتكە چۈشۈرمىگەچكە، باشقىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئادەم ئىزدەش ئېلانىغا ئىككىنچى قىزىنىڭ سۈرىتىنى چاپلىغان ئىدى.
قىزى يۈتۈپ كەتكەنگە 23 يىل بولۇپ، ئۈمۈدلىرى ئۈزۈلەي دېگەندە شەندوڭدىكى بىر ساقچى شەندوڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنژېنېرى، داڭلىق پورتېرت رەسىم مۇتەخەسسىسى لىن يۈخۈي ۋاڭ مىڭچىڭغا ئىللىق قولىنى سۇندى.
لىن يۈخۈي مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا قىزىم چەتئەلدىن ماڭا تېلىفۇن بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقى، مېنىڭ چوقۇم ئۇلارغا ياردەم قىلىشىم كېرەكلىكى» نى ئۆتۈندى.    2017-يىلى3- ئاينىڭ20- كۈنى كەچتە يىراق ئاۋستىرىيەدىكى قىزىم لىن جيا ۋاڭ مىڭچىڭنىڭ قىزىنى ئىزدەش توغرىسىدىكى خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر كېچە ئۇخلىماپتۇ، ئۇ مېنىڭ دادام ياردەم قىلالايدۇ دەپ ئويلاپتۇ.
لىن يۈخۈي2017- يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جاڭ باۋيىنىڭ دېلوسىدا ئامېرىكا ساقچىلىرىنى بىر جىنايەت گۇماندارىنىڭ پورتىرت رەسىمى بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن.
لىن يۈخۈي ۋاڭ مىڭچىڭ تەمىنلىگەن ئىككىنچى قىزىنىڭ يەسلىدىكى سۈرىتى ۋە ئەر- ئايال ئىككەيلەننىڭ سۈرىتىگە ئاساسەن ناھايىتى تېزلا ئىككى پارچە پورتېرت رەسىمنى سىزىپ چىققان.
ۋاڭ مىڭچىڭ مۇنداق دېدى: «مەن لىن ساقچىنىڭ ماڭا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، قىزىم يۈتۈپ كېتىشتىن بۇرۇن بىر پارچە سۈرەتكىمۇ چۈشۈرۈپ قويماپتىكەنمىز، بىز ئىككىنچى قىزىمىزنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ ئۇنى ئىزدىدۇق. ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەچكە مەن قىزىمنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى قىياپىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قىزى يۈتۈپ كەتكەن كۈنى قىسقا چاچ بولۇپ، سۇس سېرىق رەڭلىك پوپايكا، يېشىل رەڭلىك يۇڭ ئىشتان ۋە قوڭۇر رەڭلىك ئاياق كىيگەنىكەن، بۇ كۆرۈنۈش ۋاڭ مىڭچىڭنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئەمەس، يۈرىكىگىمۇ ئورناقلىق ئىكەن.
ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇ بىر پارچە پورتىرېت رەسىم بىلەن ۋاڭ مىڭچىڭ قىزىنى ئاخىرى تاپتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى