قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى 50 مىڭ مو يېشىل ئورگانىك كۆكتات تېرىش بازىسى بەرپا قىلىدۇ

2018-04-16 19:28:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى 50 مىڭ مو يېشىل ئورگانىك كۆكتات تېرىش بازىسى بەرپا قىلىدۇ.
بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى 50 مىڭ يېشىل ئورگانىك كۆكتات تېرىش بازىسى بەرپا قىلىپ، يىلدا 25 توننا ئەتراپىدا كۆكتات بىلەن تەمىنلەيدۇ.
5- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايۇنىنىڭ ئەتىيازلىق ئەڭ يېڭى بىر تۈركۈم كۆكتاتلىرى بازارغا كىرىدۇ. مىچۈەن- كۆكتاغ رايونلۇق دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۇ جيەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىنىڭ كۆكتات تېرىش كۆلىمى 50 مىڭ موغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتات پارنىكى تەخمىنەن 17 مىڭ مو، ئوچۇقچىلىقتا تېرىلىدىغان كۆكتات كۆلىمى تەخمىنەن 33 مىڭ مو ئەتراپىدا بولىدۇ. يېشىل ئورگانىك كۆكتاتنىڭ نىسبىتى %80 تىن يۇقىرى بولۇپ، ئۈرۈمچىنى يەرلىك كۆكتات تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق جاي بولۇپ قالىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %46.6 نى، يېزا نوپۇسى پۈتۈن شەھەردىكى يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ %51.7 ئىگىلەيدىكەن. بۇ يىل مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، «شال تېرىشنى ئازايتىپ، باقمىچىلىقنى قوللاش، موگو تۈرىنى كۆپەيتىش، كۆكتاتقا كاپالەتلىك قىلىش، ساياھەتنى گۈللەندۇرش» دەك تەرەققىيات پىكىرىنى بىكىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بازار ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئورگانىك يېشىل يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىدا كۆكتات تېرىقچىلىقى يولغا قويۇلغانلىقىغا خېلى ئۇزۇن بولدى، بىراق كىشىلەر يەنىلا بۇ يەرنىڭ «گۈرۈچ» ۋە «راك» لىرىنى بەكرەك تونۇيدۇ. يىقىندىن بۇيان مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىدا كۆكتات تېرىقچىلىقى قايتىدىن ئۆزىنى كۆرسەتتى. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى چوڭ، شەھەر بىلەن بولغان ئارلىقى يېقىن، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر بىلەن، تۈرلۈك كۆكتات ھەمكارلىق كۆپراتىپلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. بولۇپمۇ يەر ئوبورۇت قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، كۆكتات تېرىقچىلىق كۆلىمى كۈنسىرى ئېشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەرلىك كۆكتات تېرىقچىلىقىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقىدا مۇچ، شوخلا قاتارلىق دائىم ئىستىمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلاردىن سىرت، مىۋە شوخلا، رەڭلىك مۇچ قاتارلىقلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ جايدىكى نۇرغۇن كۆكتات پارنىكى خوجايىنلىرى تىجارەتنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى ئىستراھەت، كۆگۈل ئىچىش قاتارلىقلارغا قارىتىپ، ئىستىراھەت ساياھىتىنى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان.تۇنۇشتۇرلىشىچە، مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىدا تېرىلغان كۆكتاتنىڭ %80 تىن كۆپرەكى يېشىل ئورگانىك بولۇش ئۆلچىمىگە يەتكەن. مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى 50 مىڭ مو يەرگە كۆكتات تېرىشى پىلانىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، كۆكتاتنىڭ ئورگانىك زىيانسىز بولۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ،  مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ يېشىل ئورگانىك كۆكتات بازىسىغا ئايلاندۇرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى