قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تولى ناھىيەسدە نامرات پايچىكلارمۇ پايدا ئالدى

2018-04-16 19:30:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى تېچاڭگۇ بازىرى نەنۋەن كەنتىنىڭ يىغىن زالى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇ يەردە شۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىرلىكتە، تېچاڭگۇ بازىرى دېھقان- چارۋىچىلار باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى خىزمەتچىلىرىگە ياردەملىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كالىسىنى «ھاۋالىلىك بېقىش» قا تاپشۇرغان نامراتلارغا پايدا تەقىسملەپ بىرىۋاتاتتى.
تولى ناھىيەسىنىڭ تېچاڭگۇ بازىرى نەنۋەن كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلارنى يۆلەش تۈرى بويىچە، كەنتتىكى ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن كالا تارقىتىپ بەردى. ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە بېقىش شارائىتى بار نامرات ئائىلىلەر ئۆزى بېقىشنى تاللىدى، باقمىچىلىق شارائىتى ۋە باقمىچىلىق تەجرىبىسى يوق نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت» رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ، چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، نامراتلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كالىسىنى «ھاۋالىلىك باققۇزۇش» ئۈچۈن تولى ناھىيەسى تېچاڭگۇ بازىرى دېھقان- چارۋىچىلار باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تاپشۇرۇپ باققۇزۇشنى قارار قىلدى. كېلىشىم بويىچە ھەمكارلىق كوپىراتىپى باقمىچىلىققا مەسئۇل بولىدىغان، ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈپ ھەر يىلى كەنت ئاھالىلىرىگە پايدا تارقىتىپ بىرىدىغان، ھەمكارلىق كوپراتىپى بەش يىلدىن كېيىن ھاۋالىلىك باققۇزغان ئائىلىلەرگە بىردىن ئىككى ياكى ئۈچ ياشلىق سىيىرنى قايتۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن توختامنى بىكار قىلىدىغان بولدى. نۆۋەتتە، 88 نامرات ئائىلە تولى ناھىيەسى تېچاڭگۇ بازىرى دېھقان- چارۋىچىلار باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا كالىسىنى «ھاۋالىلىك باققۇزۇش» قا تاپشۇرۇپ بەردى.
كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى گو چىڭچۈن مۇنداق دېدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا  پەقەت قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلىگەندىن باشقا، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تەرەققىيات پۇرسىتىمۇ يوشۇرۇنغان بولىدۇ. يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ نامرات ئائىلىلەرنى پاي قاتقۇزۇشدەك بۇنداق كەسپى باقمىچىلىق شەكلىدە، نامرات ئائىلىلەرنىڭ باقمىچىلىق جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتقىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەندىن كېيىن كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىنى بالدۇراق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى