قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز «3 خىل مەھسۇلات، بىر ماركا» غا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «سىرتقا چىقرىش» نى ئىلگىرى سۈردى

2018-04-16 19:32:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئەلا سۈپەت، يېشىل يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش يولىغا ماڭدى. بۇ ناھىيە گۈرۈچ ئىشلەپچىقىرىشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭلىق ماركا ئوبرازىنى ياراتتى. سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزلۈكسىز «سىرتقا چىقىرىپ» يۇقىرى باھادا ساتتى.     
  ئىلى دەريا جىلغىسىغا جايلاشقان چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇ، تۇپرىقى، قۇياش نۇرى ئىسسىقلىق بايلىقى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 3 چوڭ گۈرۈچ ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ بىرى. ئىلگىرى، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ كەلگەن ھەمدە بىرلىككە كەلگەن داڭلىق ماركا يارىتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ گۈرۈچلىرى بازاردا پەقەت «ئەرزان باھادا» سېتىلاتتى.      
  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى بولۇپ «3 خىل مەھسۇلات، بىر ماركا» غا ياردەم بېرىش سىياسىتى يەنى «زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى» سىياسىتىنى يولغا قويدى. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى گۈرۈچ ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارغا قارىتا بازارغا سېلىشقا رۇخسەت قىلىش، بىر تۇتاش بەلگە قوللىنىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مىقدارنى كۆپەيتىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆزگەرتتى.   
  شىنجاڭ «يىمېيشياڭ» گۈرۈچچىلىك چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار ئورگانىك گۈرۈچنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەۋاتاتتى. كارخانىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ بو مۇخبىرغا: بىز ئوخشاش بولمىغان خېرىدارلارنى كۆزدە تۇتتۇق، شىركىتىمىز گۈرۈچ چېيى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك بازارلارغا كىرگۈزۈپ، خېلى ياخشى بازار ئىنكاسىغا ئېرىشتى،- دېدى.   
  نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى 10 گۈرۈچ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ گۈرۈچى دېگەن جۇغراپىيەلىك بەلگىنى قوللاندى. بۇ بىر قىسىم «بەلگە» نى ئىشلەتكەن كارخانىلار بىلەن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىرلىشىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپلەپ ئاشۇردى. كارخانىلار ئالاھىدە بېكىتىلگەن سۇرتلۇق گۈرۈچنى موسى بويىچە سېتىۋالدى. ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دېھقانلارنىڭ ھەر مو يەردىن قىلغان كىرىمى 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە كۆپ بولدى.
   چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈەن جۈن مۇخبىرغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز 3- تەرەپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، «ماركا چاپلانغان» گۈرۈچنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتتۇق. ناھىيەمىزنىڭ «ماركا چاپلانغان» گۈرۈچلىرىنى بازارغا سېلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، گۈرۈچنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتنى تەلەپ قىلىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردۇق.    
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇلتۇر، «جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقىتى» سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو- ياۋروپانىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلغان مەھسۇلاتىغا ئايلاندى ھەمدە ياۋروپا بازارلىرىغا كىردى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى مەملىكەت بويىچە ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى- قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ 30 مىڭ مولۇق ھاراق ئىشلەپچىقىرلىدىغان ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىلدى...     
  بۇلتۇرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقىت ئىچىدىكى «3 خىل مەھسۇلات، بىر ماركا» غا ئىگە مەھسۇلاتى 1 مىڭ 300 خىلغا يەتتى. بۇ يىل ئاپتونوم «3 خىل مەھسۇلات، بىر ماركا» غا ئىگە مەھسۇلاتنىڭ مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ كۈزىتىش كۆلىمىنى يېمەكلىك قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئىگىلەش كۆلىمىنى 40 پىرسەنتتىن كۆپرەككە يەتكۈزىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى