قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2018- يىللىق يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى

2018-04-16 19:34:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 نۇرغۇن دېھقان دوستلار يېقىندىن بۇيان مۇنداق سىياسەتلەرگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. يەنى بۇ يىللىق يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى قايسىلار؟  
  «يېزا يەرلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ھۆددىگە بېرىپ، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەقسىم قىلىش چارىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرى» دىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىپ بەرگەن يېزا ئىگىلىك ياردىمى مۇۋاپىق كۆلەمدە باشقۇرۇلغان ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىق يېڭىچە ئاساسلىق گەۋدىلەرگە مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇلىدىغان بولدى.   
باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى.   
(1) دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ساتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىپ ساتقان مەھسۇلاتلار دەپ قارىلىپ قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
(2) ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىدىن سېتىۋالغان بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن 13 پىرسەنت تۇتۇپ قېلىش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىپ، قوشۇلما قىممەت بېجى تۆۋەنلىتىلىدۇ.  
(3) دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئۆز ئەزالىرىغا ساتقان سۇلياۋ يۇپۇق، ئۇرۇقلۇق، مايسا، ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ.
سۇ ۋە توك ئىشلىتىشتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى:    
(1) كۆكتات قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا سۇ ۋە توك ئىشلەتسە يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئوخشاش باھا قوللىنىلىدۇ.  
(2) ئېلىكتر تارماقلىرى ئاشلىق قۇرۇتۇش ماشىنىلىرىغا ئىشلەتكەن توكقا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلەتكەن توك باھاسى بويىچە تۆۋەن باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ.  
ياردەم بېرىش تۈرىدىكى سىياسەتلەر:    
  دۆلەتنىڭ يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى مۇنداق: يەر ئوبوروت قىلىش ياردىمى، قەرز پۇل ياردىمى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردىمى، ئاشلىق تېرىش تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى  تولۇقلىمىسى، ئۆلچەملەشكەن كۆلەملىك باقمچىلىق مەيدانى، كىچىك رايون قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ياردىمى، ئاشلىقنى ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش سىياسىتى، تېرىقچىلىقتىن بوشىغان يەرلەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش ياردىمى، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كونكرېت تۈرلەرنى مەلۇم قىلىشتا يەنىلا ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ.         
   يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق تۈرلەرنى قوللاش تۈرىدىكى سىياسەتلەر:        
  مەخسۇس يۆلەش تۈرى خەھەتتە:    
  بۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس يۆلەش تۈرى جەھەتتە، دۆلەت دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى يۆلەيدۇ. بۇ ئاساسلىقى يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئاساسىي گەۋدىلىرى ئىلتىماس قىلىپ يولغا قويغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلىق بەرپا قىلىش قۇرۇلۇش تۈرىنى پائال قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەككە تۈرلەرنى مەلۇم قىلىپ يولغا قويۇش كۆلىمىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى يولغا قويغان تۈزلەڭلىك رايونلىرى 500 مودىن، ئېدىرلىك، تاغلىق رايونلىرى 300 مودىن تۆۋەن بولمايدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ تىزگىنلەش تۈرلىرىگە قارىتا، بىر مو يەرگە مالىيەدىن ياردەم بېرىش سوممىسى 1 مىڭ 500 يۈەندىن ئاشمايدۇ.
  كەسىپلەشكەن تۈرلەرنى قوللاش خەھەتتە:        
  كەسىپلەشكەن تۈرلەرنى قوللاش خەھەتتە: بۇ ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ئورمان ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى قاتارلىق باقمىچىلىق بازىسى تۈرلىرى، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات، چارۋىچىلىق، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرلىرى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش، يېڭى پېتىچە ساقلاش، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغان يەردىكى توپ سېتىش بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئوبوروت ئەسلىھەلىرى تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.     
يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش جەھەتتە:           يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىشنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تۈرلىرى مالىيەدىن ياردەم بېرىش تۈرى ۋە ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بېرىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ «ئاۋۋال قۇرۇپ كېيىىن تولۇقلاپ بېرىش» تەك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى