قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ساياھەتچىلىك بىلەن تۆمۈر يول» ئۆزئارا بىرىكتۈرۈش ئەندىزىسى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

2018-04-16 19:45:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئەڭ گۈزەل چېچەك پەسلىگە كىردى. يېقىندا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىلى تۈرگېن چىچەك سەيلىسى سەپىرىنى باشلىدى.
پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ گۈزەل چېچەك سەيلىگاھىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلى تۈرگېن يېزىسىدىكى ياۋا ئۆرۈكلەر يېقىندا بەس- بەستە ئېچىلىپ، تاغ- دالىلارنى قاپلىغان چېچەكلەر چىرايلىق تۈسكە كىرىپ، سەيلە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىنى كۈتىۋالدى. ساياھەتچىلەرنىڭ باھار چېچەك سەيلىسى قىلىش سەپىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن ئىلىغا قاتنايدىغان «چوكانتال بايراملىق» چېچەك سەيلىسى مەخسۇس پويىزى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىز تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ «ئىلى تۈرگىن ئۆرۈك چېچىكى ساياھىتى»مەخسۇس پويىزىنى تەسىس قىلغان تۆتىنچى يىلى ھېسابلىنىدۇ، بۇ مەخسۇس پويىز تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئىككى كۈن ئۈچ كېچىلىك ساياھەت جەريانىدا، ساياھەتچىلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قېپقالغان ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي ياۋا ئۆرۈك ئورمىنىدىكى چېچەكلەر ئىچىدە سەيلە قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ ـ دەريالىرىدىن ھوزۇرلاندى، يۈز يىللىق سودا پورتى جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس چېگراسىدىكى باجدىن خالىي سودا رايونىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالدى، دۆلەت4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى «مەلىكە جېيۇ ئۈستىقۇددۇس مۇزېي» دا خۇش پۇراق جەۋھەرلەردىن ھوزۇرلاندى، دۆلەت 3A دەرىجىلىك مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى «كۈرە قەدىمىي شەھىرى» نىڭ مىللىيچە ناخشا- ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈپ، قەدىمىي يېمەك- ئىچمەك بازارلىرىنى ئايلىنىپ، تۈرلۈك نازۇ- نېمەتلەردىن ھوزۇرلاندى.
سەنشىدىن كەلگەن ساياھەتچى چىن خانىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: تېلېۋىزور ۋە ئۈندىداردىن غولجا تۈرگېن يېزىسى ياۋا ئۆرۈك چېچىكىنىڭ بەك گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، تاغ- دالىلاردىكى گۈل چېچەكلەرنىڭ گۈزەللىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، شۇنچە كۈچلۈك ئىستەك بىلەن دەل بۇ قېتىمقى چېچەك سەيلىسى مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ غولجىغا كەلدىم، ساياھەتنىڭ كۈن تەرتىپى مول مەزمۇنلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، تەبىئىي مەنزىرە بىلەن مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەر ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ، بۇ سەپەرگە بولغان ئۇزۇن يىللىق تەلپۈنۈشۈم بىكارغا كەتمىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى تۆمۈريول قاتناش ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» تۆمۈريول ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى تۇتاشتۇرۇلغان، ساياھەتچىلەر ئاممىۋى قاتناش بىلەن سەپەرگە چىقىدىغان، ساياھەت پويىزى بىلەن ساياھەت قىلىدىغان»، «ساياھەتچىلىك بىلەن تۆمۈر يول» ئۆزئارا بىرىكتۈرۈش بىرلەشمە ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى، «ساياھەتچىلىك بىلەن تۆمۈر يول» ئۆزئارا بىرىكتۈرۈش ئەندىزىسى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى يىتەكلەپ، شىنجاڭدىكى نوقۇل مەنزىرە ساياھىتىنىڭ «پۈتۈن رايون ساياھىتى» يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. تۆمۈر يول ساياھىتى ھەم ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلىشى، شىنجاڭنىڭ جايلار نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى ۋە گۈزەل يېزاـ كەنت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
2017ـ يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تۆمۈر يول تارماقلىرى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ساياھەت تەرەققىياتىدا يېڭى بوشلۇق ئېچىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق ۋە ئىجادچانلىق بىلەن بازار ئېھتىياجىنى ياراتتى، شۇنداقلا كەينى ـ كەينىدىن «شىمالى شىنجاڭ ساياھىتى»، «ئاجايىپ ئوت يۇرتى»، «دۇنخۇاڭدا ئۇچرىشىش»، «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتى»، «ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر» ۋە يېڭى شەرق تېز پويىزى قاتارلىق ساياھەتلەرنى يولغا قويۇپ، «1 + 5» يۈرۈشلۈك ساياھەت مەھسۇلاتىنى شەكىللەندۈردى، شۇنداقلا تۆمۈر يول تىرانسپورتى ۋە ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كۆپ خىل يول، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ كۆلەملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇردى. ئۈرۈمچى تۆمۈر يول خەلقئارا ساياھەت كوپراتىپىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«2018 - يىلى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ساياھىتىدە ساياھەتچىلىك بىلەن تۆمۈر يول ئۆزئارا بىرىككەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ ئاينىڭ10- كۈنىدىن باشلاپ، ‹شىمالى شىنجاڭ ساياھىتى› ۋە ‹جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتى› مەخسۇس پويىزىنىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ20- كۈنىدىن باشلاپ ‹دۇنخۇاڭدا ئۇچرىشىش› ساياھەت پويىزىنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈرۈشىشى بەلگىلەنگەن، كۆلەملەشكەن ھالدا يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ساياھەت چوڭ تۇتاشتۇرۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى شىنجاڭدىن چىقىدىغان يۆنىلىشتىكى 12 كۈنلۈك  ‹شېن نوڭجىيا كەچكى شەپەق ساياھەت مەخسۇس پويىزى› ۋە 14 كۈنلۈك ‹شەرقىي شىمال كەچكى شەپەق ساياھەت مەخسۇس پويىزى› يولغا سېلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ يىل ئىچىدە يەنە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن زاكاز قىلىنغان شىنجاڭدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش مەخسۇس ساياھەت پويىزى ۋە «يېڭى شەرق ھەشەمەتلىك ساياھەت پويىزى» يولغا سېلىنىپ، كۆپ خىللاشقان، ئۆزگىچە، سۈپەتلىك ۋە تۆۋەن باھالىق ساياھەت نادىر تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ، بۇ تۈر شىنجاڭلىقلارنى شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا جەلىپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىغا، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.«

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى