قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى 8- ئايدا يېڭى قىياپەتكە كىرىدۇ

2018-04-16 19:47:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، مۇخبىرنىڭ »بىناكارلىق، ئېنېرگىيە تېجەش، ئىسسىقلىق ساقلاش ئاساس تېما قىلىنغان بازار رايونى قۇرۇلۇشى« تەڭرىتاغ رايونلۇق قوماندانلىق شتابىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى يېڭى قىياپەتكە كىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىكەن. 
پىلانغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن چوڭ بازار ئەتراپىدىكى ئۆزگەرتىلىدىغان كۆلەم جەنۇبتىن شەرقى تاشقى ئايلانما يولىغىچە، شەرقتىن «جىنيىن» يولىغىچە، شىمالدىن بۇلاقبېشى كوچىسىغىچە بولغان تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادرات مېتر كۆلەم بولۇپ، 73 قۇرۇلۇشقا چېتىلىدىكەن. 
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چوڭ بازار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئۆزگەرتىشتە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆرپ- ئادەت ئاساسىي تېما قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەنە ئاساسلىق كوچىلاردىكى قۇرۇلۇش يۈزىنى رېمونت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلار چېقىلىپ، تام، ئېلان تاختىلىرى تازىلاپ گۈزەللەشتۈرۈلىدىكەن؛ قۇرۇلۇشنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى تېخىمۇ يورۇتۇلۇپ؛ يول، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى ئۆزگەرتىلىدىكەن؛ مۇھىت كۆكەرتىلىپ مەنزىرىسى گۈزەللەشتۈرۈلىدىكەن؛ شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ھەيكەل قاتارلىق مەنزىرىلەر كۆپەيتىلىدىكەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى قۇرۇلۇشلار بىلەن چوڭ بازارنىڭ قۇرۇلۇش رەڭگى ئۆزئارا سىڭىشتۈرۈلۈپ، بىر مۇكەممەل كوچا رايونىغا ئايلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالاھىدە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بەرپا قىلىنىدىكەن. چوڭ بازار نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى كاتتا، يەرلىك ئۇسلۇبقا ئىگە، پۈتۈن خەلقئارا چوڭ بازار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قويۇق مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەر نامايەن قىلىنغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا چوڭ بازىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ ھەممىسى قىزغۇچ رەڭ خىش بىلەن قوپۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كىشىگە قويۇق مىللىي خاسلىق تۇيغۇسىنى ۋە تارىخىي تۇيغۇنى ئاتا قىلىدۇ. خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 39 مىڭ 888 كۋادرات مېتىر، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھەر قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى، شەھەر كۆلىمىنىڭ ئۈزۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا چوڭ بازار رايونى كونا شەھەر رايونلىرى ئىچىدىكى خاسلىققا ئىگە قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، كوچىلىرىنىڭ قىياپىتىنى جىددىي ئۆزگەرتىش زورۇرۇ بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى »بىناكارلىق، ئېنېرگىيە تېجەش، ئىسسىقلىق ساقلاش ئاساس تېما قىلىنغان بازار رايونى قۇرۇلۇشى« دا چوڭ بازارنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنىپ، خىش قۇرۇلۇشى ئاساس قىلىنىدىكەن، يەنى خىش رەڭلىرىگە قىزىل خىش، سېرىق خىشلار تاللاپ ئىشلىتىدىكەن، چوڭ بازارنى مەركەز قىلغان ئەتراپتىكى ئىمارەتلەر رېمونت قىلىنىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۈرۈمچى شەھىرى قۇرۇپ چىقىلىدىكەن. يېڭىدىن چوڭ بازارنى مەركەز قىلغان كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىيادىلەر كوچىسى كونا پىيادىلەر كوچىسى (بۇغدا كۆلى يولى) بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، بىر T شەكىللىك ئۆرپ- ئادەت پىيادىلەر كوچىسى ياسىلىدىكەن. بۇ كوچا بۇ قېتىمقى چوڭ بازارنى ئۆزگەرتىشتىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدىكەن. كېيىنكى قاراردا، پىيادىلەر كوچىسىدا يەنە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كوچا مەنزىرىلىرى ۋە يېشىللىق، ھەيكەللەر كۆپەيتىلىدىكەن.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىر قىسىم ئاھالىلەر بىنالىرىنى لايىھەلەش ۋە ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ئاھالىلەر بىنالىرىغا »چىراقسىز نۇرلاندۇرۇش» ئۇسلۇبى قوللىنىلىپ، ئاھالىلەرگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا كەچلىك مەنزىرە شەكىللەندۈرۈلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: »بىناكارلىق، ئېنېرگىيە تېجەش، ئىسسىقلىق ساقلاش ئاساس تېما قىلىنغان بازار رايونى قۇرۇلۇشىدا« بۇ يىل »بىنالارنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆگەرتىش«نىڭ مۇھىم ئىقتىدارى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ مەنزىرە مۇھىتىغا بولغان ئېھتىياجى ئاساسىدا، ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى