قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فۇكاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مىللىي ئۆرپ- ئادەت باغچىسى ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالدى

2018-04-16 19:48:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شوخ، يېقىملىق ھەر مىللەت ناخشا- ئۇسسۇللىرى، يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، يېقىندا، فۇكاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مىللىي ئۆرپ- ئادەت باغچىسى تەنتەنىلىك ھالدا تىجارەت باشلاپ مېھمانلارنى كۈتىۋالدى، ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەتلىرىنى ھېس قىلىپلا قالماستىن يەنە شىنجاڭنىڭ مەززىلىك يېمەك- ئىچمەكلىرىدىن بەھىرلەندى.
فۇكاڭدىكى تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مىللىي ئۆرپ- ئادەت باغچىسىدا ساياھەتچىلەر شۇ جايدىكى قازاق چارۋىچىلار بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، باھارنى كۈتىۋالدى، قازاق مىللىتى ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك يېمەك- ئىچمەكلىرىنى تېتىش بىلەن بىرگە قازاق مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. بېيجىڭلىق ساياھەتچى ليۇ جىنخۇەن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى ياخشى ئىكەن، شىنجاڭ خەلقىمۇ ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن، مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەنزىرىلىرى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن، بۇ قېتىملىق سەپىرىمىز بىھۇدە كەتمىدى.
فۇكاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مىللىي ئۆرپ- ئادەت باغچىسى يىتەرلىك مەبلەغ سېلىپ، قازاق مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەنزىرە كۆرگەزمىسى، مىللىي ئۆرپ- ئادەت كەچۈرمىشى، مىللىي يېمەك- ئىچمەكلەرنى تېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان مەدەنىيەت ساياھىتى تۈرىنى بەرپا قىلدى، بۇ تۈر چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش ۋە چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈلگىگە ئايلىنىپ، مەنزىرىنى قوغداپ، خەلقنى بېيىتىشتەك قوش ئۈنۈمنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، فۇكاڭ بوغدا كۆلى ئۆرپ- ئادەت باغچىسى تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ تۈرتكىسىدە، تەدرىجىي ھالدا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرگە تونۇلدى، بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۆرپ- ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايون ئاپتوبۇسىنىڭ توختاپ ساياھەتچىلەرنى يىغىش -تارقىتىش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىرغىچە، مەنزىرە رايون ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىپ ئولتۇرغان ساياھەتچى 470 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، ئۆرپ- ئادەت باغچىسىنىڭ كىرىمى 2 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى