قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

غۇلجا شەھىرىدە: باھار سەيلىسى، دالا بۇيۇملىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى

2018-04-16 19:49:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيدىن چىقىپ باھار سەيلىسى قىلىش پىلانلىرىنى تۈزۈشمەكتە. يېقىندا، مۇخبىر غۇلجا شەھىرىدىكى زىيارىتىدە، باھار سەيلىسى قىزغىنلىقىنىڭ ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قاتلىنىدىغان ئۈستەل- ئورۇندۇق، كاۋاپدان، چېدىر قاتارلىق ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك دالا بۇيۇملىرىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلانغانلىقىنى بايقىدى.
شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ باھار سەيلىسى قىلىش قىزغىنلىقى دالا بۇيۇملىرىنى سېتىش بازىرىنىڭ سودىسىنى جانلاندۇردى، مۇخبىر بىر تاللا بازىرىدا ھەر خىل دالا بۇيۇملىرىنىڭ تاللا بازارلىرىنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنلىرىغا تىزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى. سودىگەرلەر كۆپ خىل سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان ماللار ئىچىدە، چوڭلىرىدىن تېز ئېچىلىدىغان چېدىر، قاتلىما ئۈستەل- ئورۇندۇقتىن تارتىپ كىچىكلىرى كاۋاپدان، كاۋاپ زىخى قاتارلىقلارغىچە ھەممىسى تەل ئىدى. ھەر بىر مال تۈرىنىڭ ئۈستىگە ئالاھىدە باھالىق بەلگىلەر چاپلاپ قويۇلغان بولۇپ، باھاسى ئادەتتىكىدىن خېلىلا چۈشۈرۈلگەن ئىدى.
باھار سەيلىسى دالا بۇيۇملىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇشتىن سىرت، يەل قاچىلىغىلى بولىدىغان ئاپتوموبىل ماترىسى، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان توك مەنبەسى ئىنۋېرتېرى قاتارلىق ئاپتوموبىل ئىچى دالا بۇيۇملىرى ئاپتوموبىلى بار كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.سودىگەر ۋاڭ ۋېي مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ پەسىلدە ئاپتوموبىل ئىچى دالا بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىشى ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتىدۇ، يەل قاچىلىغىلى بولىدىغان ئاپتوموبىل ماترىسىنى ئارقا ئورۇندۇققا كەڭ يېيىپ قويغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ كىچىك بالىسى بار ئائىلىلەرنىڭ سەپەردە ئىشلىتىشگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ، تېز ئېچىلىدىغان چېدىر ھەم كۈن نۇرىنى توسىيالايدۇ ھەم يەنە ئارام ئېلىش جايى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، سېتىلىشى ئەڭ تېز بولىۋاتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى