قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان قاناس

2018-04-16 19:50:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاناس مەنزىرە رايونى ئالتاي ۋىلايىتىگە جايلاشقان، قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە بىلەن چىگىرداش بولۇپ كۆلىمى ئون مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. قاناستا ئاساسلىقى قاناس دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى، جيادېڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسى، قاناس دەرياسى جىلغىسى، قۇمقاناس كەنتى، ئاققابا كەنتى قاتارلىق  7، 6 مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىلىرى سىزنى مەپتۇن قىلىدۇ، ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان ئېرتىش دەرياسىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ يەردىكى قازاق، موڭغۇل ۋە تۇۋالارنىڭ تۇرمۇش ئۆرۈپ- ئادەتلىرى بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرە بىلەن ئادىمىيەت مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت ئورنى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ.          
قاناس كۆلى پۈتكۈل قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ «تاغ ئىچىدىكى كۆك ئاي» دەپ ئاتالغان. قاناس كۆلىنىڭ شەكلى ھىلال ئاي شەكىللىك بولۇپ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 24.5 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 2 كىلومېتىرغا يېقىن، ئەڭ چوڭقۇر جايى 188.4 مېتىر كېلىدۇ. قاناس كۆلىنىڭ كۆل سۈيى ئۆزگىرىشچان بولۇپ بەزىدە سۇس يېشىل رەڭدە، بەزىدە يەنە بىر پارچە پايانسىز كۆك ئاسماندەك نامايەن بولىدۇ، ئەتراپىدىكى ئاق قېيىن دەرىخى قارىغاي قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەڭگارەڭ، شولىسى كۆلدە ئەكس ئېتىپ، كۆل يۈزىنى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ. تۆگە قاپتىلىدىكى بېلىق تاماشا قىلىش سۇپىسىدىن پۈتكۈل قاناس كۆلىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ۋولۇڭدىن ئۆتۈپ جەنۇپقا قاراپ ماڭغاندا ئاي، شېنشيەندىن ئىبارەت بۇ ئۈچ قولتۇقتا نۇرغۇن ساياھەتچى دەريا بويلاپ پىيادە مېڭىپ بۇ ئۈچ قولتۇقىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىدۇ.               
تۇۋالار قۇمقاناس كەنتى، ئاق قابا كەنتى، قاناس كەنتىدە مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇمقاناس كەنتى ئۈچ كەنت بويىچە نوپۇسى ئەڭ زىچ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر كەنت. تۇۋالار موڭغۇللارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۆيىنى ياغاچتا ياسايدۇ، ئۆينى ياساش ئۈچۈن مىخ ئىشلەتمەي، بەلكى ياغاچنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئۇچلاپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ ياسايدۇ، ياغاچلارنىڭ ئارىلىقىنى تۇز يالىتىلغان مۇخ بىلەن ھىملايدىغان بولغاچقا ئىپتىدائىي پۇراققا ئىگە.
ھەر قېتىمقى باھار بايرىمى، بىرىنچى ئاينىڭ 15- كۈنى، زۇلۇ بايرىمى، ئوبا بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنۋى بايراملاردا تۇۋالار چوقۇم مۇناسىپ ھالدا نەزىر- چىراغ مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ، ئات بەيگىسى قىلىش، چېلىشىش قاتارلىق موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەل ئىچى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە قوي سويۇپ، سۈت ھارىقى ئىچىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر بەكلا قىزىپ كېتىدۇ.   
رەڭدار ساھىل ئېرتىش دەرياسى بويىغا جايلاشقان، ئۇ قاناس كۆلىگە تۇتىشىدىغان يول ئۈستىدە، بۇ يەر تىپىك بولغان يارداڭ يەر شەكلى بولۇپ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قۇم- بورانلارنىڭ ئۇچۇرۇشى، ئېقىن سۇلارنىڭ يالىشىدا ئەسلىدىكى تۈز يەر ئېرىقچە يەر شەكلىگە ئايلانغان. بۇ يەردىكى تاشلار قىزىل رەڭلىك، ئارىسىدا سېرىق، يېشىل، ئاق رەڭلىكلىرىمۇ بار، رەڭگارەڭ ئۆزگىرىشچان بولغاچقا «رەڭدار ساھىل» دەپ ئاتالغان. جيادېڭ جىلغىسىدىكى ئورمان باغچىسىدا ئورمان، ئوتلاق، ئېقىن، جىلغا مەنزىرسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆردەك كۆلى، ئاق كۆل قاتارلىق سەيلىگاھلار بار، بۇ يەرگە قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر بىر كېلىپ تاماشا قىلىپ كەتسە بولىدۇ.            
 مەنزىرە نۇقتىسى دەرىجىسى: A5
ساياھەت قىلىش تەكلىپى :1-2 كۈن
بېلىتى: قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى: 185 يۈەن
قاناس مەنزىرە رايونى ئاپتوبۇس بېلىتى: 90 يۈەن، ئىككىنچى قېتىم 30 يۈەن قوشۇپ ئېلىنىدۇ.
 قۇم قاناسنىڭ كىرىش بېلىتى: 60 يۈەن
 ئاققابانىڭ كىرىش بېلىتى : 50 يۈەن
تۇۋالارنىڭ ئائىلە زىيارىتى: 80 يۈەن
قۇمقاناس كەنتى، ئاق قابا كەنتىنىڭ كەنت قوغداش ھەققى: 20 يۈەن
قاناس مەنزىرە رايونىدىن ئاققابا مەنزىرە رايونىغىچە يەككە مۇساپىلىك بېلەت: 62 يۈەن
تېرەكتى يېزىسىدىن ئاققابا مەنزىرە رايونىغىچە يەككە مۇساپىلىك بېلەت: 62 يۈەن
ساياھەت پاراخوتى بېلىتى: 120 يۈەن 
 لەيلىمە سال بېلىتى: 200 يۈەن
گۈلخان يىغىلىشى: 168 يۈەن
ئېچىلىش ۋاقتى: ھەممە كۈنى ئېچىۋېتىلىدۇ.
ئورنى: ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىدە
قاتناش قوللانمىسى:
ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە:
ئۈرۈمچى-- بورچىن-- قاناس لىنىيەسى بويىچە ماڭسىڭىز بولىدۇ.پويىز بىلەن بارسىڭىز مەنزىرە رايونى جايلاشقان بۇرچىن ناھىيەسىدە پويىز ئىستانسىسى يوق، لېكىن مەنزىرە رايونى بىلەن ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان پويىز ئىستانسىسى بېيتۈن شەھىرى پويىز ئىستانسىسى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن بېيتۈنغا بېرىپ- كېلىدىغان پويىز بىلەن بېيتۈنغا بېرىپ، شەھەر ئىچىدىكى يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن يۇلۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ بۇرچىن ناھىيە بازىرىغا بارغاندىن كېيىن يەنە ئاپتوبۇس ئالمىشىپ جيادېڭ جىلغىسىغا بېرىپ، ئاندىن جيادېڭ جىلغىسىدىن مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى