قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

2018-04-16 19:53:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئادەتتە كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىسى ئۆسۈۋاتقان مەزگىلدە قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر خىل ساغلاملىق دورىلىرىنى بېرىدۇ. لېكىن، بەزى بالىلارنىڭ بويى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆسمەيدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ئامىللار بالىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
 1. ئىرسىيەت:
  بوينىڭ ئېگىزلىكى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىرسىيەتنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى %70 نى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىدە يەنىلا ئاتا-ئانىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە قاراش كېرەك. ئادەتتە، ئىككىلا تەرەپ ئېگىز بولسا، بالىمۇ ئېگىز بولىدۇ.
 2. ئۇيقۇ:
  ئەگەر بالىنىڭ بويى ئېگىزرەك بولسۇن دېسەك، ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا ھەر كۈنى كەچ سائەت 9 دا ئۇخلاپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
 ئۇخلاۋاتقاندا بەدەن ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئەگەر بالىنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا ياكى دائىم بەك كەچ ئۇخلىسا، بەدىنىدىكى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچراپ، بويى ياخشى ئۆسەلمەيدۇ.
 3. ئوزۇقلۇق:
 ئوزۇقلۇقمۇ بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئامال بار ئانا سۈتىدە بېقىش، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش بىلەن بىرگە، گۆشلۈك، گۆشسىز تاماقلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
  ئۇنىڭدىن باشقا بالىدا تۆمۈر ماددىسى كەم بولسىمۇ، بويىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۆسۈش مەزگىلىدە تۆمۈر، كالتسىينى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك.
 4. ھەرىكەت:
  ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىش بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، بالىغا كۆپرەك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، سەكرەش، كېرىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەتكۈزۈش، يەنى سۇ ئۈزۈش، ئاستا يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، ئارغامچا سەكرەش، پۇت بېسىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەگەر، بالا دائىم ھەرىكەت قىلمىسا ياكى ھەرىكىتى بەك ئاز بولسا، بەدەن ساپاسىغا، بوي ئېگىزلىكىگە زور تەسىر يېتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى