قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىش نېمە ئۈچۈن ئاغرىيدۇ؟

2018-04-16 19:54:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چىش تىرىك توقۇلمىلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىرەر توقۇلمىدىن مەسىلە چىقسىلا دەرھال مېڭىگە ئاغرىش سىگنالى يوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىش ئاغرىيدۇ.
چىشنىڭ مۇستەھكەم تاشقى قېپى چىش ئېمال ماددىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدا سېزىم بولمايدۇ، ئەمما چىش ئېمال ماددىسى ئىچىدە نېرۋىغا تۇتىشىدىغان قاتتىق توقۇلما چىش ماددىسى بولىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن قان تومۇر، نېرىپلار قاپلانغان يۇمشاق توقۇلما - چىش يىلىكى بولىدۇ، چىش يىلىكى چىش تاجىدىن تارتىپ چىش يىلتىزى ۋە چىش مىلىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە تارقالغان بولىدۇ. چىش ماددىسى ۋە چىش مىلىكى چىش ئېمال ماددىسىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار تېرىك توقۇلمىلارغا تەۋە بولۇپ سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا چوڭ مېڭىگە ئاغرىش سىگنالى يوللايدۇ. ئادەتتە چىش ئاغرىقى چىش ئېمال ماددىسىنىڭ تېشىلىپ كېتىشىدىن پەيدا بولىدۇ. باكتېرىيەلەر چىشقا چاپلىشىپ قالغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدە ياشاپ كۆپىيىدۇ ھەم باكتېرىيە داغلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ مېتابولىتلىرى چىشنى چىرىتىپ ئېمال ماددىسىدا تۆشۈكچىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. چىش ماددىسى تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق ئېچىلىپ قالىدۇ، بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا غىدىقلىنىپ چىش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
باكتېرىيەلەر چىش مىلىكىگە بۆسۈپ كىرگەندە بەدەن چىش مىلىكى توقۇلمىلىرى بىلەن بۆسۈپ كىرگەن باكتېرىيەلەرنى پەرقلەندۈرەلمەي، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كېسىلى چىش مىلىكى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. چىش مىلىكى كېسىلى چىش مىلىكى يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر قىسىم چىش يىلتىزى ئېچىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىش ئىسسىق ۋە سوغۇققا سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى