قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈرۈچ يۇغان سۇنىڭ سىز بىلمەيدىغان پايدىلىق تەرەپلىرى

2018-04-16 20:01:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاچا- قۇچا يۇيۇش.
بىز ئادەتتە قاچا- قۇچا يۇيۇشتا قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىمىز. لېكىن، ھەممىمىزگە مەلۇمكى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە خىمىيىلىك ماددىلار بار بولۇپ، پاكىز تازىلانمىغاندا سالامەتلىككە تەسىر يەيكۈزىدۇ.
ئەمەلىيەتتە گۈرۈچ يۇغان سۇنىڭ ماينى ئېرىتىش ئۈنۈمى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدىن قېلىشمايدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بىئولوگىيەلىك ئىشقار ماينى نېيتراللاشتۇرۇپ پارچىلىيالايدۇ. يەنە كېلىپ، گۈرۈچ يۇغان سۇ تەبىئىي ۋە زىيانسىز بولغاچقا، قالدۇق ماددىلار بولغان تەقدىردىمۇ بەدەنگە قىلچە زىيىنى يوق.
كىر- قات يۇيۇش.
رەڭگى سۇسراق بولغان كىر- قاتلارنى گۈرۈچ يۇغان سۇدا يۇغاندا تېرىدىن چىققان قالدۇق ماددا ۋە مايلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك تازىلىيالايدۇ، شۇنداقلا كىيىم- كېچەكنىڭ ساغىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاسان تەرلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كىيىملىرىنى گۈرۈچ يۇغان سۇغا چىلاپ قويۇپ يۇغاندا ئۈنۈملۈك ھالدا تەر قالدۇقلىرىنى تازىلىيالايدۇ. زەيلىشىپ (پاختىلىشىپ) قالغان كىيىم- كېچەكلەردىنمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. گۈرۈچ يۇغان سۇغا بىر كېچە چىلاپ قويۇپ، ئاندىن نورمال تەرتىپ بويىچە يۇيۇۋەتسىلا زەي داغلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى بىر تەرەپ قىلىش.
ھايۋانات ئۈچىيى ۋە قورساق قاتارلىقلارنى تازىلاش ئىنتايىن تەس. گۈرۈچ يۇغان سۇغا تۇز قوشۇلغاندا بۇلارنى تازىلاشمۇ ئاسانلىشىدۇ.
گۈرۈچ يۇغان سۇنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىشلىتىلىشى:
1. يۈز يۇيۇش:
گۈرۈچ يۇغان سۇدا بىر قىسىم ۋىتامىن، كراخمال قاتارلىقلار بولۇپ، يۈزدىكى ماي دېغىنى تازىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يۈز تېرىسىدىكى پىگمېنتلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت گۈرۈچ يۇغان سۇدا يۈز يۇيۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، يۈز تېرىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنى پارقىراق ۋە گۈزەللەشتۈرىدۇ.
2. قۇرۇتۇلغان يېمەكلىكلەرنى چىلاش:
قۇرۇتۇلغان بامبۇك نوتىسى، كىچىك راك، لامنارىيە قاتارلىق قۇرۇتۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئادەتتە ئادەتتىكى ئىچىملىك سۇغا چىلاپ قويۇش ئارقىلىقلا كۆپتۈرىمىز. لېكىن بۇنىڭ ئورنىغا گۈرۈچ يۇغان سۇنى ئىشلەتكەندە، چىلاش جەريانىدا گۈرۈچ يۇغان سۇدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرگىلىمۇ بولىدۇ. ئەمما، بۇنىڭدا گۈرۈچ يۇغان سۇنى بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاۋۋال گۈرۈچ يۇغان سۇنى تىندۇرىۋالغاندىن كېيىن ئۈستىدىكى سۈزۈك قىسمىنىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
3. ئائىلە ھايۋانلىرىنى بېقىش:
گۈرۈچ يۇغان سۇدا گۈل- گىياھلارنى سۇغۇرۇشقا ياكى ئائىلە ھايۋانلىرىنى بېقىشقا بولىدۇ.
گەرچە گۈرۈچ يۇغان سۇنىڭ كۆپ خىل رولى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزى ئىنچىكە نۇقتىلارغا دېققەت قىلىش كېرەك.
گۈرۈچ يۇغان سۇدا گۈل- گىياھلارنى سۇغۇرۇشقا ياكى ئائىلە ھايۋانلىرىنى بېقىشقا توغرا كەلگەندە بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھىچقانداق قوشۇمچە بىر تەرەپ قىلىش كەتمەيدۇ. لېكىن، قۇرۇتۇلغان يېمەكلىكلەرنى چىلاش ياكى يۈز يۇيۇشقا ئىشلەتمەكچى بولغاندا چوقۇم تىندۇرغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك.بەزىدە گۈرۈچ يۇغان سۇنىڭ تېرىنى ئاسراش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ۋىتامىن C ياكى شۇ تۈردىكى ۋىتامىنلارنى قوشۇشقىمۇ بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى