قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قانداق قىلغاندا ھەم ساغلام ھەم گۆشسىز ئوزۇقلانغىلى بولىدۇ؟

2018-04-16 20:02:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېڭى كۆكتاتلارنى يەپ بېرىش. نۇرغۇن كىشى قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇ ياكى ئاشخانىدا ساقلايدۇ. بۇنداق بولغاندا كۆكتات تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ خوراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، پالەكنى 20 سېلسىي گرادۇسلۇق ئۆي ئىچىدە 24 سائەت ساقلىغاندا، ۋىتامىن C تەركىبى %84 خوراپ كېتىدۇ.
تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك بولمىغان قىسمىنى تاشلىۋەتمەڭ. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر پۇرچاق ئۈندۈرمىسى سېتىۋالغاندا، پەقەت ئۈندۈرمىسىنىلا ئېلىپ پۇرچىقىنى تاشلىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە پۇرچاقتىكى ۋىتامىن C تەركىبى ئۈندۈرمىسىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
قورۇمىنى ئىسسىقىدا يەڭ. بەزى كىشىلەر قورۇمىنى قورۇپ قويۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇشىنى كۈتمىگىچە يېمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردىكى ۋىتامىنلار قورۇمىنىڭ ئىسسىق ۋاقتىدا ساقلىنىدىغان بولۇپ، قايتا ئىسسىتقاندا خوراپ تۈگەيدۇ.
ھەرخىل رەڭدىكى كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىڭ. ئوخشىمىغان كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا بولغان رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەر كۈنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى