قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

10 خىل ساغلاملىق ساۋادى

2018-04-16 20:04:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. تاماقتىن كېيىن دەرھال چاي ئىچمەڭ.
بەزىلەر تاماقتىن كېيىن چاي ئىچسە ماينى ئېرىتىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، ھېچقانداق مەسىلە يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشى تاماقتىن كېيىن چاي ئىچىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، بۇ ناھايىتى ئىلمىي بولمىغان ئادەت ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى، چاي ياپرىقى تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى بىلەن بىرلەشكەندە، ئېرىشچانلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولغان مولزىت ماددىسى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ناۋادا تاماقتىن كېيىن دەرھال چاي ئىچىشكە ئادەتلىنىپ قالغاندا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئاسانلا تۆمۈر ماددىسى تۆۋەنلەپ، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن چېنىقىڭ.
نۇرغۇنلىغان خىزمەتچى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ناھايىتى ھېرىپ كېتىدۇ. كەچتە ئادەتتە ياخشى يەپ ئارام ئېلىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە سائەت 16 دىن 18 گىچە بولغان ئارىلىقتا، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇراسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆپكە سىغىمچانلىقى ۋە يۈرەك ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بەدەننىڭ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. بۇ خىل ھالەت بولۇپمۇ تېننىس توپ، ۋالىبول قاتارلىق كۈچ مەشىقى كېتىدىغان، ماي خورىتىدىغان تەنھەرىكەتلەرگە ماس كېلىدۇ.
3. ئۇيقۇ ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟
بىز دائىم مۇتەخەسسىسلەر: «قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەيدۇ، دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە ئەڭ مۇۋاپىق ئۇخلاش ۋاقتى 7~8 سائەت بولۇشى كېرەك. ئارتۇق ئۇخلىغان ئۇيقۇنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى كۆپ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن ياكى ناھايىتى قىسقا بولسا، قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
4. تۆمۈر ماددىسى ۋە كالتسىي ماددىسىنىڭ تولۇقلاش ۋاقتى ئايرىم بولىدۇ.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىز، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدىغان ۋاقتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ۋىتامىن تۈرىدىكى ماددىلارنى تولۇقلاشقا بولىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەگەردە تۆمۈر ماددىسى تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلارنى كەچ سائەت 19 دىن كېيىن ئىستېمال قىلسا، سەھەردە ئىستېمال قىلغانغا قارىغاندا ئۈنۈملۈك بولىدىكەن. چۈشتىن تاكى سەھەرگىچە ئادەم بەدىنىدىكى قان كالتسىيسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالىدىكەن. شۇڭا، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كالتسىي تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، كالتسىينى تولۇق سۈمۈرۈتكىلى بولىدىكەن.
5. قېتىق ئارقىلىق ئاچلىقنى باسماسلىق كېرەك.
ئادەم ئاچ قورساق ۋاقىتتا ئاشقازاندىكى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ كىسلاتالىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئاچ قورساققا قېتىق ئىچسە، قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسى ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، قېتىقنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئەمما، تاماقتىن كېيىن بىر ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تارقالغاندىن كېيىن ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق دەرىجىسى سۈت كىسلاتاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى باب كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قېتىق ئىچسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، بولۇپمۇ كەچلىك تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىنكى ۋاقىت قېتىق ئىچىدىغان ئەڭ ياخشى پەيت.
6. كېچىلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ.
كەچ سائەت 21 دىن 23 كىچە بولغان ۋاقىت بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەيدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنى ئەركىن ھالەتنى ساقلاشقا موھتاج بولىدۇ. ھەرخىل جىددىي ھەرىكەتلەر ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ۋاقىتتا مۇزىكا ئاڭلاشنى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىشنى تاللىسىڭىز كېسەل بولۇش قېتىم سانىنى تۆۋەنلىتەلەيسىز.
7. ئىككى ۋاقلىق تاماق ئارىلىقىدا مېۋە ئىستېمال قىلىش ئەڭ ياخشى تاللاش.
نۇرغۇن كىشى كۈندۈزى ئالدىراپ خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا، كۈندۈزى مېۋە يېيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز. ئوزۇقشۇناسلار ئادەتتە تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن مېۋە ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. (ئاز بىر قىسىم مېۋىلەرنى مىسالغا ئالمىغاندا)، ئەمەلىيەتتە ئىككى ۋاقلىق تاماق ئارىلىقىدا مېۋە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئوزۇقلۇقنى تولۇق سۈمۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئېنېرگىيەنى تولۇقلاپ، ئاچلىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
8. ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان ۋاقىتقا ۋە تاماق ۋاقتىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ.
ئەگەر سىز ئۇششاق يېمەكلىك يېمەكچى بولسىڭىز، سائەت 11 دىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى تاللاڭ. بۇ ۋاقىتتا بەدىنىڭىزگە كىرگەن ماينىڭ كۆپىنچىسى خوراپ تۈگەيدۇ. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ۋاقىتتا، قەنت قوشمىغان قەھۋەدىن ھوزۇرلىنىڭ. بۇنداق بولغاندا قەھۋە ئاسانلا پارچىلىنىدۇ ھەمدە ماينى پارچىلىنىشنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز كەچلىك تاماقنى 18 دىن بۇرۇن يەڭ.
9. ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈڭ.
ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاينىڭ بېشىدىكى 10 كۈن ئەتراپىدىكى ۋاقىت سۈت بېزىنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالىنىش ۋاقتى. بۇ چاغدا، ئانىلىق ھورمۇننىڭ سۈت بېزىگە بولغان تەسىرى ئەڭ كىچىك بولىدۇ. سۈت بېزى نىسپىي تىنچ ھالەتتە بولۇپ، سۈت بېزى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىرقەدەر مۇقىم ھالەتتە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم. 
10. سۇنى كۆپ ئىچمەڭ.
گەرچە بىز كۆپ سۇ ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلساقمۇ، ئەمما «كۈندە سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىش» دېگەندەك ئاقماس گەپلەرگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئامېرىكا ئىچىملىك سۇ شىركىتىنىڭ مەھسۇلات سېتىشتىكى تاكتىكىسى بولۇپ، ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق. ئەڭ توغرا سۇ ئىچىش ئۇسۇلى بولسا، قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ ھەر كۈندىكى سۇ ئىستېمال مىقدارى 120 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولسىلا كۇپايە. ئادەم بەدىنى سۇنى قوبۇل قىلغاندا بۆرەك مېتابولىزم قىلىدىغان بولۇپ، كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە بۆرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي سالامەتلىككىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى