قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئائىلە تۇرمۇشىڭىزنىڭ مەڭگۈ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز

2018-04-16 18:51:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بالىلىق قەلب. بالىلىق قەلب بولسىلا، مۇھەببەت يېڭى پېتى تۇرۇۋېرىدۇ.

رومانتىكا. رومانتىكا دېگەننى گۈل سوۋغا قىلىش، تانسا ئويناش، قەھۋە ئىچىش، دەپ قالماڭ؛ ۋاقىت، پۇل بولمىسا، رومانتىكا نەدە تۇرۇپتۇ، دەپ قارىماڭ. رومانتىكىنىڭ كۆپ خىل شەكىللىرى بولىدۇ: جورىڭىزغا ئىللىق تۇيغۇ بېرىدىغان باغاقچە قالدۇرۇش، بىر ۋاخ ئالاھىدە ناشتىلىق تەييارلاش، كىتاب ياكى نەپىس بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىش... قاتارلىقلار.

*يۇمۇرلۇق بولۇش. يۇمۇرلۇق بولۇشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرغاندىلا، تۇرمۇش تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا تولىدۇ.

مۇھەببەتلىك سۆزلەر. پىسخىكا ئالىملىرى شۇنداق قارايدۇكى، ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدا كۈندە ئۈچ جۈملىدىن ئارتۇق مۇھەببەتكە تولغان سۆزلەر، مەسىلەن، «سىزنى ياقتۇرمەن»، «ئاۋايلاپ مېڭىڭ»... دېگەندەك مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان سۆزلەر ئېيتىلىپ تۇرۇشى لازىم.

پىكىر ئالماشتۇرۇش. ئەر- خوتۇنلار پىكىر ۋە خاپىلىقلىرىنى قورسىقىدىن چىقارماي ۋە ئۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋەتمەي «مىجەزى ياخشى، تەربىيە كۆرگەن» قىياپەتكە كىرىۋالماسلىقى لازىم، ئەمەلىيەتتە ئۆزئارا ئىچىدىكى گەپلەرنى قىلىشمىسا، چۈشىنەلمەسلىك چوڭقۇرلىشىپ كېتىدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل شۇكى، پىكىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇش، خاپىلىق بولسا چىقىرىش، پوزىتسىيەدە سەمىمىي، مۇلايىم بولۇش، تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بەزىدە ئاز تولا تاكالىشىپ قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن چەكنى ياخشى ئىگىلەش لازىم.

ھۇزۇرلىنىش. كىشلەر دائىم ھۇزۇرلىنىش نەزىرى بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆز سالىدۇ ۋە ھەمىشە «ئۆزىنىڭ پەرزەنتىلا ياخشى» دەپ ھېس قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز جورىسىدىن نۇقسان ئىزدەپ، باشقىلارنىڭ خوتۇنى ۋە ئېرىنى ياخشى، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل بىر تەرەپلىمىلىك قاراش بولۇپ، باشقا پەرزەنتلەرنىڭ ئوخشاشلا سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۆز جورىسىنىڭمۇ باشقىلاردا بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئەگەر ئويلانمايلا جورىڭىزنىڭ بىر مۇنچە كەمچىلىكلىرىنى ساناپ بېرەلىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ سىزدە ھوزۇرلىنىش كۆز قارىشىنىڭ تولىمۇ كەمچىل ئىكەنلىكىنى؛ ئەگەر يۈز تۇرانە ۋە يۈزلەشمەي تۇرۇپ جورىڭىزنىڭ بىر مۇنچە ئارتۇقچىلىقىنى ساناپ بېرەلىسىڭىز، سىزنىڭ سۆيۈشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىڭىزنى ھەمدە باشقىلار تەرپىدىن سۆيۈلگەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى