قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەر ئاياللارغا ئېيتىلغان تۆۋەندىكى ئون مەسلىھەت

2018-04-16 18:52:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. جۆرىسىگە سەمىمى سادىق بولۇش لازىم، ئىشەنچىدىن ساغلام ھىسيات پەيدا بولىدۇ. ئەر- خوتۇنلار بىر- بىرىگە ئىشىنىش ئۈچۈن بىر- بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

2. قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرىپى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشى، سەۋەنلىك ۋە كەمچىللىكلىرىنى ئەپۇ قىلىش لازىم.

3. بىر ئائىلىدە ئەر- خوتۇن ئۆزئارا يادەمگە ئىرىشكەندە ھەممە نەتىجە «مېنىڭ» بولماستىن، «بىزنىڭ» دىگەننى ھەرگىز ئەستىن چىقارماسلىق لازىم.

4. تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، قارمۇ- قارشى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، قارشىلىقنى مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىش لازىم.

5. ھەر ئىككىلا تەرەپ مۇۋەپپىقىيەتلىك تۇرمۇشنىڭ يېتىشتۈرگۈچىسىدىن بولىشى، ھەرگىز ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىرىدىن بولماسلىقى لازىم.

6. ئۇقۇشماسلىقنىڭ پەيدا بولىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

ناۋادا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالسا، ئۇنى دەرھال يوقۇتىش. ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئۇزاققىچە ساقلىنىشى، ئەر- خوتۇنلارنىڭ چىقىشالماسلىقىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.

7. «ئاجىرىشىمەن» دىگەن سۆزنى ئالدىراپ قىلماسلىق لازىم.

8. بىر تەرەپ خاتا ئىش قىلىپ قويسا، قارشى تەرەپ ھەرگىز كوتۇلداۋەرمەسلىك لازىم.

9. غەزەپلىنىش، خۇشال بولماسلىقلارنىڭ ئىنسانلاردىكى نورمال ھىسىيات ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش لازىم.

10. ئىناق بولغان ئەر- خوتونلۇق مىھىر- مۇھەببىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى