قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئەھۋالدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ئۆز ئارا كىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ

2018-04-16 19:13:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. رەسمىيتى تولۇق بولمىغان ماشىنىلار بىلەن ھادىسە يۈز بەرگەندە.

ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، ماشىنا تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بەلگىسى، ماشىنىنىڭ سوغۇرتا بەلگىسى قاتارلىقلار ئىچىدە بىر ياركى ئۇنىڭدىن ئارتۇق رەسمىيىتى كەم بولغان ماشىنىلار بىلەن ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۆز ئارا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ؛

2. ۋەقە سادىر قىلغۇچى شوپۇر ھاراق ئىچكەن بولسا

ۋەقە سادىر قىلغۇچى شوپۇرنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن ياكى دۆلەت باشقۇرىدىغان روھىي دورىلار، نەشە، خىروئىن قاتارلىق دورىلارنى ئىستىمال قىلغانلىق گۇمانى بولسا ئۆز ئارا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ؛

3. ئىككى تەرەپنىڭ ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيتىگە قارىتا تالاش- تارتىشى بولغان بولسا ئۆز ئارا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ؛

4. ۋەقە ئاممىۋىي ئەسلىھەلەر ۋە قورۇلۇش بىناكارلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولسا ئۆز ئارا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ؛

5. يالغۇز تەرەپ يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى، يەنى ۋەقە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مال- مۈلكى زىيانغا ئۇچرىمىغان، ماشىنا پەقەت يولدىكى باشقا نەرسىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىپ ماشىنىنىڭ ئۆزى زىيانغا ئۇچرىغان، بىراق تاشقىي مۇھىتتىكى نەرسىلەر بۇزۇلمىغان ياكى تۆلەم تۆلەش ھاجەتسىز بولغان قاتناش ھادىسىلىرى؛

6. ۋەقە يۈز بەرگەندە ۋەقە سادىر قىلغۇچى شوپۇر پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدىگەن ياكى پىراۋىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى پىراۋىسى ئۆنۈمسىز بولغان بولسا ئۆز ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ؛

7. ۋەقە كىشلەرنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىشىنىكە كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەمدە ۋەقە بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئايرىش، ساقچىغا مەلۇم قىلىش ۋە يارىدارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەھۋاللىرىدا ئۆز ئارا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ؛

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى