قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېقىندا بۇ يىللىق تۇنجى قېتىملىق «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتى» پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن قوزغالدى

2018-04-16 19:19:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا بۇ يىللىق تۇنجى قېتىملىق «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتى» پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن قوزغالدى، بۇ جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىدە تۆمۈر يول ساياھىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتى» پويىزى بۇلتۇر قاتناشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل بۇ پويىز ھەر كۈنى تۆمۈريول يۈرۈش خەرىتىسىدە بەلگىلەنگەن لىنىيە بويىچە قاتنايدىكەن ۋە قاتنىشى 11- ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ پويىز قوش قەۋەتلىك، ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك، پويىز ئەسلىھەلىرىگە يېڭى، ئىقتىدارى تولۇق، يۇقىرى سەپلىمىلەر سەپلىنىپ، «كۆچمە مېھمانخانا» سەپلىمىسى بويىچە ياتاق، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك- ئىچمەك ۋە ساياھەت مەدەنىيەت بىر گەۋدە قىلىنغان، يەنە ئاشخانا ۋاگونى، كۆڭۈل ئېچىش ۋاگونى ۋە مونچا ۋاگونى تەسىس قىلىنغان. بۇ پويىزنىڭ بېلىتى ئارىسال پەسىلدە پۈتۈنلەي توردا سېتىلىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك بېلەت سېتىش يوللىرى ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئاۋات پەسىلدە بېلەت ساياھەت شىركەتلىرىگە ئالدىن سېتىلىدۇ ۋە ئېشىپ قالغان بېلەت توردا سېتىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى