قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن 12- شى 104- تۈەن غەربىي شەھەر رايونى جەنۇبىي مەھەللىسىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلارنى ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىدا ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە تەربىيەلىدى

2018-04-18 11:31:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا بىڭتۈەن 12- شى 104- تۈەن غەربىي شەھەر رايونى جەنۇبىي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بويىچە ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىدا ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلارنى ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىدا ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە تەربىيەلىدى.
يېقىندا غەربىي شەھەر رايونى جەنۇبىي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، مەھەللىدىكى نۇرغۇن ئاھالىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىدا ئىگىلىك تىكلەش ئويى بارلىقى، ئەمما، كەسپىي بىلىملىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشمەيۋاتقانلىقىنى بىلدى. مەھەللىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىغا ئائىت بىلىملەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىڭتۈەن12- شىسى سودا ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىڭتۈەن12- شىسىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى مەھەللىگە كىرگۈزدى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە، ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئاساسىي بىلىملىرى، تور دۇكىنى ئېچىش تەرتىپى، مەھسۇلاتلارنى ئوراپ- قاچىلاش لايىھىسى، تور دۇكىنى باشقۇرۇش ماھارىتى قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساس قىلىندى. كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپلا قالماي، ئەمەلىي مىسال كۆرسىتىپ بەردى. كۇرسانتلارمۇ دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. بۇ مەھەللىدىكى ئۈندىدار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جاۋ پىڭ مۇنداق دېدى:- ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى-- بىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى سۇپا بولۇپ، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىمنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىدىغانلىقى، خېرىدارلىرىمنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
غەربىي شەھەر رايونى جەنۇبىي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى:- كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەت ئەترىتىمىز ئەشيا ئوبوروتى، تور دۇكىنى ۋە مەھەللىدىكى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىپىسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مەھەللىدىكى ئۈندىدار سودىگەرلىرىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشى ۋە كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسى ئارقىلىق، مەھەللىدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن نامرات ئاھالىلارنىڭ بېيىش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، بېيىش يوللىرىنى كۆپەيتىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى