قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشكەن گۇ جېڭخۇڭ

2018-04-19 12:19:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۇ جېڭخۇڭ، 1905-يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ فۇنىڭدا (ھازىرقى بىنخەيدە) بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1921- يىلى يۇرتىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكتىن، گۇ جېڭخۇڭ ئانىسى بىلەن بىللە شاڭخەيگە كېلىپ، بىر كىچىك ماي زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان دادىسى بىلەن جەم بولغان. بىر ئائىلە كىشىلىرى شاڭخەينىڭ غەربىدىكى بىر نامراتلار مەھەللىسىدە تۇرغان. گۇ جېڭخۇڭ ئىلگىرى شاڭخەيدىكى ياپونىيەلىك سودىگەرلەرنىڭ 9- پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ۋە 7-زاۋۇتىدا ئىشچى بولغان. چەتئەل كاپىتالىستلىرىنىڭ جوڭگۇلۇق ئىشچىلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە شىلىپ، جىسمانىي جەھەتتە خورلاپ، سىياسىي جەھەتتە زۇلۇم سېلىپ، روھىي جەھەتتە ئازابلىشى گۇ جېڭخۇڭنىڭ يۈركىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.
 1924-يىلى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شاڭخەيدىكى ئىشچىلار كەچلىك كۇرسى ۋە غەربىي شاڭخەي ئىشچى دوستلار كۇلۇبىغا قاتناشقان ھەمدە ناھايىتى تېزلا كۇلۇبنىڭ ئاكتىپلىرىدىن بولۇپ قالغان.
1925- يىلى شاڭخەيدىكى ياپونىيەلىكلەر قۇرغان 22 يىپ ئېگىرىش زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىش تاشلىغان. گۇ جېڭخۇڭ ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتى ۋە ئىش تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ھەرىكەتكە پائال ئاتلانغان. دەل بۇ قېتىمقى كۈرەشتە، ئۇ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.
ئۈزۈكسىز ئەۋج ئالغان ئىشچىلار ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 1925- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى، ياپونىيە كاپىتالىستلىرى 7- پاختا زاۋۇتىنىڭ ئىشتىن توختىلىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىشچىلارنىڭ مەيدانغا كىرىشىنى چەكلىگەن. گۇ جېڭخۇڭ ئىشچىلارنى باشلاپ زاۋۇتقا بۆسۈپ كىرىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەمدە ئىش ھەققىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ قېتىملىق كۈرەشتە، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت جەڭچىسى، ياش كومپارتىيە ئەزاسى گۇ جېڭخۇڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى