قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پوسكام ناھىيەسى: «تۆت ياخشى يېزا يولى» دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بەخت ئاساسىنى پۇختىلىدى

2018-04-19 20:03:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   


پوسكام ناھىيەسى «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئاسفالت يولنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە تۇتاشتۇردى.
    سۈرەتتە: پوسكام ناھىيەسىنىڭ پوسكام يېزىسى قۇتچى كەنتىدىن بىر كۆرۈنۈش. (گېزىتىمىزنىڭ ماتېرىيال سۈرىتى، 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان). (مۇخبىرىمىز جۇ مىڭجۈن فوتوسى)  


4- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئاقتام يېزىسى قولتۇقئېرىق كەنتىدىكى نۇر مېھمان بىر كۈنلۈك ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىنى ھەيدەپ چىلانلىقىدىن ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
  2014- يىلىدىن ئىلگىرى، پوسكام ناھىيەسىدىكى كۆپلىگەن مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ يوللىرى توپا يول ياكى شېغىل يول بولغاچقا، سودىگەرلەر بۇ كەنتلەرگە كېلىپ يېزا ئىگىلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايتتى، كەنت ئاھالىلىرى چىلان ۋە ياڭاقلىرىنى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ ساتاتتى. نۇر مېھمان: ھازىر كەنتنىڭ يوللىرى ياخشىلاندى، سودىگەرلەرمۇ ئاپتوموبىللىرىنى ئۇدۇل ئېتىز بېشىغا ھەيدەپ بېرىپ، چىلان سېتىۋالىدىغان بولدى، دېدى.
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتكۈل ناھىيەدە يېزا يولى ئومۇمىي مۇساپىسى 1808.98 كىلومېتىرغا يېتىپ، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە تەۋەلىكتىكى مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش نىشانىغا ئالدىن يەتتى.
  ھازىر پوسكام ناھىيەسىنىڭ ناھىيە يولى شەھەر- يېزىلارغا تۇتاشتى، يېزا يوللىرى گىرەلەشتى، كەنت يوللىرى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ تاشيوللار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئاساسىنى پۇختىلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۈنسايىن ئاشتى.
    «تۆت ياخشى يېزا يولى» كۈچەپ ياخشى ياسالدى
  قولتۇقئېرىق كەنتىنىڭ پوسكام ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران ئون كىلومېتىر بولسىمۇ، ئەمما بىر قانچە يىل ئىلگىرى، كەنتنىڭ توپىلىق يولى كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىققاندا «ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستبېشى توپا- چاڭ، يامغۇر ياغقاندا ئۈستبېشى لاي- پاتقاق» ھالەتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى.
  «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىشتا ئاچقۇچ يېزىلاردا؛ يېزىلارنىڭ ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىشىنىڭ ئاساسى قاتناشتا». پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەدىكى مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ قاتناش ئىشلىرى ئارقىدا قېلىش ھالىتىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتتى.
  بۇ ناھىيە يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆپلىگەن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، بولۇپمۇ قۇرۇلۇش مەبلىغى قىس بولۇش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلە ئىدى.
  «قىيىنچىلىق ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ، يولنى ياسىماي بولمايدۇ». پوسكام ناھىيەسى ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ غەملەش سالمىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن زورايتتى، مالىيە يانداش مەبلىغىنى كۆپەيتىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاممىنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا كۆپ تەرەپ مەبلەغ سېلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مەبلەغ كەمچىل بولۇشتەك «بوغما ھالەت»نى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.
  پوسكام ناھىيەسى يەنە ناھىيە، يېزا، كەنت يولى قۇرۇلۇشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ياردەم بېرىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 2015- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە 137 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەمئىي 377.917 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.
  «يېزا تاشيولىنى ياخشى ياساپلا قالماي، يەنە ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئاسراش كېرەك». پوسكام ناھىيەلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۇڭ مۇنداق دېدى: پوسكام ناھىيەسى يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش، ئاسراش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ناھىيە يولىنى ناھىيە باشقۇرۇش، يېزا يولىنى يېزا باشقۇرۇش، كەنت يولىنى كەنت باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك باشقۇرۇش، ئاسراش مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ناھىيە بويىچە يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش، ئاسراش پونكىتىدىن 14نى تەسىس قىلىپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنى مەخسۇس يول باشقۇرغۇچىلىققا قويۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 16 يېزا، بازار، مەيداننىڭ تاشيولىنى باشقۇردى.
    دېھقانلار ئاپتوموبىللىق سىرتقا چىقىدىغان بولدى
  4- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، رازاق رېشىت بوۋاي پوسكام ناھىيەلىك مەركىزىي يولۇچىلار بېكىتىگە كېلىپ، گۈلباغ يېزىسىغا قاتنايدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئۆيىگە قايتىشقا تەييارلاندى.
  نەچچە يىللار ئىلگىرى، رازاق رېشىت بوۋاي پوسكام ناھىيە بازىرىغا ئېشەك ھارۋىسىدا باراتتى، توپىلىق يولدا مېڭىش تولىمۇ جاپالىق ئىدى، ئون نەچچە كىلومېتىرلىق يولنى بېسىشقا بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتەتتى. ھازىر، ئاسفالت يول ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، رازاق رېشىت بوۋاي كەنتتىن يېزىلىق يولۇچىلار بېكىتىگە كېلىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرسا، 20 مىنۇتقا قالمايلا ناھىيە بازىرىغا بېرىپ بولىدۇ. ئىشىكتىن چىقسىلا ئاسفالت يول، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشمۇ بەك قولايلىق، يېزا تاشيولىنىڭ راۋانلاشتۇرۇلۇشى پوسكام ناھىيەسىنىڭ قاتناش مۇھىتىنى تۈپتىن ياخشىلىدى، دېھقانلار سىرتقا چىققاندا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرىدىغان بولدى.
  پوسكام ناھىيەسىدە ھازىر 22 يولۇچى توشۇش لىنىيەسى، يېزا- بازارلارغا قاتنايدىغان لىنىيە ئاپتوموبىلىدىن 276 سى بار، يېزا، بازار، مەيدانلارغا نۆۋەتچى ئاپتوبۇس قاتناش نىسبىتى %100كە، ناھىيە بويىچە مەمۇرىي كەنتلەرگە نۆۋەتچى ئاپتوبۇس قاتناش نىسبىتى %85كە يەتتى.
  پوسكام ناھىيەسى يېزىلارنىڭ يولۇچى توشۇش لىنىيەسىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ نۇقتىدىن نۇقتىغا قاتناش لىنىيەسىنى ئايلىنىپ يولۇچى توشۇشقا ئۆزگەرتتى، لىنىيە ئاپتوموبىلى ھەر ئون مىنۇتتا بىر قېتىم يولغا چىقىدۇ، يېزىلارنىڭ يولۇچى تىرانسپورت لىنىيەسى بىلەن ئاممىۋى قاتناش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
  تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان تاشيول بار بولغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسىنىڭ يول يۈرۈش ئۇسۇلىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، ئۇلار ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشتىن سىرت، يەنە توكسىكلىتقا ياكى ئائىلە ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، سىرتقا چىقىدىغان بولدى.
  نۇر مېھمان ئائىلىسى ئاللىقاچان تىراكتور، توكسىكلىت، موتوسىكلىت سېتىۋالغانىدى. بۇلتۇر 10- ئايدا، ئۇلار يەنە بىر مىنىبۇس سېتىۋالدى، يىراققا بارماقچى بولسا، بىر ئائىلە كىشىلىرى مىنىبۇسقا ئولتۇرۇپ خۇشال بېرىپ- كېلىدۇ.
  نۇر مېھمان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئېشەك ھارۋىسى ئائىلىمىزنىڭ قاتناش قورالى ئىدى، ھازىر ئاپتوموبىلدىن تارتىپ توكسىكلىتقىچە ھەممىسى بار، شۇڭا يول يۈرۈشىمىز ھەم قولاي، ھەم تېز، بىز ھەقىقەتەن ياخشى دەۋردە ياشاۋاتىمىز.
    يېزا ئاھالىلىرى ئۆيىنىڭ ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى
  تاجىك تىلىدا بويلۇق «ئوت- چۆپ ساھىلى» دېگەن مەنىدە. بويلۇق تاجىك يېزىسىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار ئاساسلىقى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىققا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتى، كىرىم يولى بىر خىللا ئىدى. يېزا يوللىرىنىڭ راۋانلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بويلۇق تاجىك يېزىسى تاجىكچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆرپ- ئادەت بازىرى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى كۈچەپ راۋاجلاندۇردى.
  بويلۇق تاجىك يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى مەريەم مۇسا مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا قاتناش ئاچقۇچ. ئىلگىرى يېزىمىزنىڭ قاتنىشى قولايسىز بولغاچقا، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئاز ئىدى.
  2016- يىلى 5- ئايدا، 16 كىلومېتىر مەخسۇس لىنىيە ياسىلىپ، بويلۇق تاجىك يېزىسى بىلەن ناھىيەدىكى ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى تۇتاشتۇرۇلدى. بۇلتۇر 11- ئايدا، بويلۇق تاجىك يېزىسىدىن كۈيباغ بازىرىغىچە بولغان يول ياسالدى. بۇنىڭ بىلەن بويلۇق تاجىك يېزىسىنىڭ قاتناش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.
  ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. مەريەم مۇسا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر تاجىكچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆرپ- ئادەت بازىرىدىكى ئالتە سەھرا ئارامگاھىدا تىجارەت باشلاندى، يەنە كەنتتىكى 21 ئائىلە سەھرا ئارامگاھى، سەھرا مېھمانخانىسى ئېچىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
  قولايلىق قاتناش كارخانىلارنى يېزا- كەنتلەردە زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلدى، بۇ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
  2016- يىلى، شىنجاڭ «كامالەت» سودا چەكلىك شىركىتى سەيلى يېزىسىنىڭ سەيلى كەنتىدە تىجارەت باشلاپ، ئۆي جاھازىلىرى ۋە تۆمۈر ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، شۇ جايدىكى 80 ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، تۇردى ئېلى دەل شۇلارنىڭ بىرى.
  تۇردى ئېلى سەيلى يېزىسىنىڭ يېڭىباغ كەنتىدىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىر قەدەر نامرات ئىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۈنلۈك ئىشلەپ پۇل تېپىپ، تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى. بۇ يىل 2- ئايدا تۇردى ئېلى ئۆي جاھازىلىرى زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلەپ، بىر ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلدى. تۇردى ئېلى مۇنداق دېدى: ئىش ئورنىمىز ئىشىك ئالدىمىزدىلا، ئىش ھەققىمىز يۇقىرى، بۇ يىل مەن ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن. 
 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى