قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ يەكەن ناھىيە تاغارچى يېزىسىنىڭ قۇۋچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە بېيىش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ

2018-04-20 12:04:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ يەكەن ناھىيە تاغارچى يېزىسىنىڭ قۇۋچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، ھەر بىر ئائىلە ۋە ھەر بىر ئادەمگە قاراپ تەدبىر بەلگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە بېيىش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ.
ھازىر، يەكەن ناھىيە تاغارچى يېزىسىنىڭ قۇۋچى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى نۇرىمانگۈل تۇنىيازنىڭ پارنىكىدىكى سەبدەگۈل ناھايىتى ياخشى ئۆسۈۋاتقان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نۇرىمانگۇل تۇنىيازنىڭ ئۆيىگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەملەشتى.  
 قۇۋچى كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2 موغا يەتمەيدىغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىسى نامرات ئائىلىگە تەۋە ئىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردەم بېرىشى ئاستىدا، بىر قىسىم كەنت ئاھالىسى گۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى. نۇرىمانگۇل تۇنىياز بۇ يىل ئىككى پارنىكتا گۈل مايسىسى ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇلار بازارغا سېلىنىپ سېتىلغىچە، ساپ كىرىمى تەخمىنەن 5 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مېنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىمغا ياردەملىشىپلا قالماي، يەنە مېنى دائىم پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇردى، ھازىر مېنىڭ پارنىك قۇرۇشۇمغىمۇ ياردەملەشتى، مەن ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مېنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشىلاش جەھەتتىكى ئىشەنچىم زور، مەن نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمەن».     
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يېتەكلەش ھەمدە ئۇلارنىڭ ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى ۋە ئالاھىدە تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ پۇختا ئاساس سالدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى باتۇرجان مۇنداق دېدى: «ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ‹نامرات ئائىلىلەر، ھەمكارلىق كوپراتىپى›قاتارلىقلار بىرلەشكەن ئەندىزىنى قوللىنىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى كۆرەش قىلىش ئارقىلىق بېيىشقا ئىلھاملاندۇردۇق».        
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى گۈلنۇر ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىل كەنتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، قۇرۇش پىلانلىنىۋاتقان ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ھەسەل ھەرىسى بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە چارۋىچىلىق- باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت بۇ نەچچە تۈرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز».
تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى