قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەتەنگە بىر ئۆمۈر ھاياتىنى بېغىشلىغان ئىشچى- دېھقان ھەرىكىتى باشلامچىسى-- لى ۋېينوڭ

2018-04-20 12:06:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لى ۋېينوڭنىڭ ئەسلى ئىسمى لى ئېرجېن، 1895- يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چاۋشيەن ناھىيەسى يەنى ھازىرقى چاۋخۇ شەھىرىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، تىرىشچان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، «دېھقانچىلىق قامۇسى» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ، يۇرتداشلىرىنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىغا قاراپ، ئۇنىڭدا «يېزا ئىگىلىك ئارقىلىق ۋەتەننى قۇتقۇزۇش» ئىدىيەسى شەكىللىنىپ، قەتئىي ئىرادىگە ئېلىپ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنى قۇتقۇزماقچى بولدى.
لى ۋېينوڭ 1912- يىلى، ئەنخۇي ۋۇخۇ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىگە قۇبۇل قىلىندى. مەكتەپكە بېرىش ھارپىسىدا، ئۇ ئىسمىنى ئالاھىدە «ۋېينوڭ» دەپ ئۆزگەرتتى. ئۇ «ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قېيىنچىلىقى بار دېھقانلار ئاممىسىغا تەسەللىي بېرىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ 1915- يىلى يازدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەكتەپتە قېلىپ دېھقانچىلىق مەيدانى باشقۇرغۇچىسى بولدى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ ئىلمىي سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ يولىدا ماڭغاندىلا، جۇڭگودا ئۈمىد بارلىقىنى ھىس قىلدى. لى ۋېينوڭ «4- ماي» ھەرىكىتى مەزگىلىدە، ۋۇخۇ ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
 1919- يىلى، لى ۋېينوڭ سەي خېسېن قاتارلىق 50 نەچچە كىشى بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيەگە بېرىپ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇدى. 1922- يىلى 6- ئايدا، لى ۋېينوڭ جاۋ شىيەن، جۇ ئېنلەي، چېن يەننيەن، لى ۋېيخەن، ۋاڭ روفېي قاتارلىق 18 كىشى بىلەن بىرلىكتە پارىژنىڭ غەربىي رايونىدا، جۇڭگولۇق ياشلار كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلتىي ئېچىپ، «ياۋرۇپادا تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇق ياشلار كوممونىستىك پارتىيەسى» نى رەسمىي قۇردى. ئارقىدىنلا لى ۋېينوڭنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولدى. 1925- يىلى، لى ۋېينوڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن ۋەتەنگە قايتىپ، شەندۇڭغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيەنىڭ رەھبىرى كۈچلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، لى ۋېينوڭنى چىڭداۋغا ئەۋەتتى. ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، دەرھال پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتنىشىپ، يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلدى.  5- ئاينىڭ 29- كۈنى، ياپونىيە جاھانگىرلىكى «فېڭتيەن» گۇرۇھىدىكى مىلىتارىستلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، «چىڭداۋ پاجىئەسى» نى پەيدا قىلدى. ئىككىنچى كۈنى، شاڭخەيدە «30- ماي» قانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى. لى ۋېينوڭ «چىڭداۋ- جىنەن تۆمۈريول باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، شاڭخەي ياشلار ئارقا سەپ ياردىمى ئۇيۇشمىسى» تەشكىللەپ، ئىشچىلار ۋە ئاكتىپلارنى چىڭداۋ، جىنەن قاتارلىق جايلاردا ياپونىيە جاھانگىرلىكى ۋە ئەكسىيەتچى مىلىتارىستلارنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش، ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئىش تاشلىغان سىنىپىي قېرىنداشلاردىن ھال سورىدى. 7- ئاينىڭ 26- كۈنى، لى ۋېينوڭ  ئەكسىيەتچى ساقچى- ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. 7- ئاينىڭ 29- كۈنى، لى ۋېينوڭ ئەكسىيەتچى ساقچى- ئەسكەرلەر تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 30 ياشتا ئىدى.

  تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى