قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

داغ يوقۇتۇش چاپلىقىنى ئائىلىدە ياساش ئۇسۇلى

2018-04-20 19:25:42     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

قارا شىكەر يۈز چاپلىقى ماتېرىيال: قارا شىكەر 30 گرام، مېنېرال سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. ياساش ئۇسۇلى: قارا شىكەرگە مېنېرال سۇنى قۇيۇپ، سۇس ئوتتا ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىمىز. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سوۋۇتىۋالغاندىن كېيىن، يۈزدىكى داغ بار ئورۇنغا تەكشى سۈرۈپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز يۇيۇۋەتسەكلا بولىدۇ.

داغۇر داڭگۇيى(白芷)

 داغۇر داڭگۇيى (白芷) يۈز چاپلىقى ماتېرىيال: داغۇر داڭگۇيى (كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى داغۇر داڭگۇيىنىڭ يىلتىزى) بىلەن ئاق پارپا (خەنزۇچە نامى 白附子، چايانئوت ئائىلىسى دۇجياۋليەننىڭ تۈگۈنەك غولى) نىڭ ھەر قايسىسىدىن 10 گرام. ياساش ئۇسۇلى: ئىزىپ تالقان ھالەتكە كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ۋە ھەسەل قۇيۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

ئاق پارپا (白附子)

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يۈزنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، بىۋاسىتە يۈزگە سۈرۈپ 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ. رولى: داغ-سەپكۈننى يوقۇتۇپ، تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىنى تېزلىتىپ، تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى