قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردىن جەمئىي 92 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ-- بۇلتۇرقىدىن 6 مىڭدىن كۆپرەك ئاشتى

2018-04-20 11:50:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردىن جەمئىي 92 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ-- بۇلتۇرقىدىن 6 مىڭدىن كۆپرەك ئاشتى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، ھوقوق- مەنپەئەتنى قوغداش قاتارلىق «5 چوڭ ھەرىكەت پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەن ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ۋە كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك شەكىللەردىكى خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئىمكانقەدەەر مۇددىئانامە ئىمزالىشىنى قولغا كەلتۈرىۋاتقان بولۇپ، مەكتەپتىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئومۇميۈزلۈك ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش، دەل جايىدا ياردەم بېرىش، ئاساسىي قاتلامغا شۇنداقلا كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى شەھەر- يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامغا، جاپالىق بولغان چەت- يىراق جايلارغا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا، ئوتتۇرا- كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى تۈر، مەبلەغ، تېخنىكا، بازار جەھەتتە قوللاشقا ئىگە قىلىدۇ. سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىكى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش كاپالەتلىك قەرز پۇلى، بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى، ئىجارە تولۇقلىمىسى قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرلۈك يوللار بىلەن ياردەم بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %88كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىل3- ئايدىن باشلاپ،2018- يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان تۈرلۈك خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلمەكتە. پائالىيەتلەرنىڭ كونكرېت ۋاقتى شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى