قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى ئالاقاغا بازىرىنىڭ بۇسۇت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

2018-04-22 21:22:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى ئالاقاغا بازىرىنىڭ بۇسۇت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ يىل ئەمىن تاپقۇزۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسپ جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى ئالاقاغا بازىرىنىڭ بۇسۇت كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئايتۇرەم ھامۇت ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپلا، يېڭىدىن سېلىۋاتقان ئەمىن ئۆيىگە بېرىپ قۇرۇلۇشقا ياردەملەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئائىلە كىشىلىرى 50 كۋادىرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ئىككى ئېغىزلىق كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق. بۇ يىل، ھۆكۈمەت 80 كۋادىرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆي سېلىشىمىزغا تولۇقلىما بەردى. كەنتىمىزدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە ھويلا- ئاراملارنى پىلانلىشىمىز، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى. تۇرمۇشىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشى بولىۋاتىدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەن ياخشى. پارتىيەنىڭ ھىممىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز.
كەنتتىكى نامرات ئاھالىلارنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە چارۋا- مال باقمىچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا يار- يۆلەك بولۇش ئارقىلىق، نامرات ئاھالىلارنىڭ يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. كەنت ئاھالىسى مەمەت ئاۋدۇن مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىپ، يىلدا، 20، 30 مىڭ يۈەن پۇل تاپالايدىغان بولدۇم. ئۆيىمىزدە يەنە نەچچە مو تېرىلغۇ يەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇمدا ئەمدى چاتاق يوق.
ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مەمەت زەيدۇن مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز قۇرۇلدى. كوپىراتىپىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ. ھازىر، كەنتتىكى 4 نامرات ئاھالە بۇ يەردە ئىشلەيدۇ. كېيىنچە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە بېيىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.
بۇ يىل، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەسپلىرى گۈللەنگەن، ئىكولوگىيەسى ياشاشقا باپ كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، 100 مودىن كۆپرەك يەرگە ئۆرۈك تىكىپ، «كۇچا كىشمىش ئۆرۈكى» دىن ئىبارەت نام كارتىسىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ تاۋ مۇنداق دېدى: بىز بۇسۇت كەنتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق. 100 مودىن كۆپرەك يەردە ئۆرۈكلۈك باغ بىنا قىلغاندىن باشقا، بېلىق بېقىش، دېھقانلار شادلىق ئارامگاھى ئېچىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، سىرتتىكى كىشىلەرنى كەنتىمىزگە كېلىشكە جەلپ قىلدۇق. زامانىۋى ئىدىيە ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئارقا كۈچى ۋە ئۆزىنى- ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق.

 تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى