قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نىڭيۈەن گۆش قىيمىلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى

2018-04-22 22:46:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 نىڭيۈەن ناھىيىسىدىكى گۆش قىيمىلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى خۇنەننىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى داڭلىق قورۇمىسى بولۇپ، نىڭيۈەن ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى جيۇيىشەن تېغى ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن. گۆش قىيمىلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ياساشنىڭ  تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى. ئۇنى ياساشتا ئاۋۋال پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ياسىلىدۇ، ئاندىن %80 ئورۇق گۆش، %20 سىمىز گۆش ۋە ئازراق سامساقتىن قېيما قىلىنىدۇ. ئاندىن قىيما پۇرچاق ئۇيۇتمىسىغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ كومىلاچ ياسىلىدۇ. بۇ «خام گۆش قىيمىلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئارقىدىن خام گۆش قىيمىلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى  قازانغا سېلىنىپ كومىلاچتا پۈرۈك پەيدا بولغىچە قاينىتىلغاندىن كېيىن، ئاز مىقداردا ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسى سېلىندۇ. شۇنىڭ بىلەن تەمى مەززىلىك گۆش قىيمىلىق  پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەييار بولىدۇ.
   پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ئېلىمىزدە بارلىققا كەلگەن ساغلام يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2 مىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى بارلىققا كەلگەن. .

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى