قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىشچىلار ئۈچۈن ئادالەت يولىدا جېنىنى پىدا قىلغان-- ليۇ خۇا

2018-04-23 11:45:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ليۇ خۇا، ئەسلىي ئىسمى ليۇ چىروڭ، تەخەللۇسى جيەنخۇا، 1899- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى سىچۈەن يىبىڭدا تۇغۇلغان. 1923- يىلى 8- ئايدا، ليۇ خۇا شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان، ئەينى ۋاقىتتا شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇشقا قاتناشقانىدى. مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ليۇ خۇا يېڭى ئىدىيە، يېڭى بىلىملەرنى تەشنالىق بىلەن ئۆگىنىپ، ماركىسىزم- لېنىنىزم ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. شۇ يىلى 11- ئايدا، ليۇخۇا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.
  1925- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، شاڭخەيدىكى ياپونىيە توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ 40 نەچچە ئىشچىنى سەۋەبسىز ئىشتىن بوشىتىپ، تۆت نەپەر ئىشچىلار ۋەكىلىنى قولغا ئېلىشتەك ناچار قىلمىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شاڭخەيدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جاھانگىرلىككە قارشى بۈيۈك بايرىقىنى تۇنجى قېتىم ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە چەتئەلنى زىلزىلىگە سالغان «فېۋرالدا ئىش تاشلاش» ھەرىكىتىنى قوزغىغان. ليۇ خۇا بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشتا ئالدىنقى سەپ باش قوماندانىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىشچىلار بىلەن بىللە يەپ، بىللە تۇرۇپ، شۇئار يېزىپ، تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى بېسىپ، ئىئانە توپلاپ، تەشۋىقات لېكسىيەسى تەشكىللەپ، ئىشچىلارنى ئىش تاشلاشقا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان. ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا، جاھانغا پاتماي قالغان ياپونىيە كاپىتالىستلىرى ئىشچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىش تاشلاش ھەرىكىتى غەلىبە قىلغان.
1925- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، شاڭخەيدە 2 مىڭدىن ئارتۇق ياش ئوقۇغۇچى، ئىشچى- دېھقانلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى كونسېسسىيە ئىچىدە تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، «جاھانگىرلارنى يوقىتايلى» دەپ شوئار توۋلىغان، ئەنگلىيە كونسىسسىيە ساقچىلىرى ئۇلارغا ئوق چىقىرىپ، جۇڭخۇا قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن ياكى يارىلاندۇرغان، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ۋە چەتئەلنى زىلزىلىگە سالغان «5- ئاينىڭ 30- كۈنى،  پاجىئەسى» يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ھەرىكەت كومىتېتى تەشكىللەشنى قارار قىلىپ، ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى بىرلىك سېپىنى بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل شاڭخەيدە بازارنى توختىتىش، ئىش تاشلاش، دەرس تاشلاش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شاڭخەي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان، ليۇ خۇا ئۇيۇشمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە 4- ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
چوڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتى شاڭخەيدە ئۈچ ئاي داۋام قىلىپ، قاتناشقان سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ سانىلا 220 مىڭدىن ئاشقان. ليۇ خۇا شاڭخەيدىكى ئىشچىلارنى تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇيقۇ ۋە تاماقنى ئۇنتۇپ، ھاردۇق يېتىپ كېسەلچان بولۇپ، ئۆپكە كېسىلى كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلاشقان. 11- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۇ كېسىلىگە قارىماي، جەنۇبىي شەھەر جامائەت تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ ئاممىۋى يىغىنغا قاتناشقاندا قولغا ئېلىنغان، كېيىن پارتىيە تەشكىلاتى ھەر جەھەتتىن ئامال قىلىپ قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىغان. 12- ئاينىڭ 17- كۈنى، ليۇ خۇا «مەخپىي قەتلى قىلىنىپ»، 26 يېشىدا قۇربان بولغان.
  تەرجىمان: نازىم 
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى