قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 بامبوك نوتىسى

2018-04-23 19:47:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

باھار شامىلى بىلەن، تاغدىكى بامبۇكلار تۇپراقنى يېرىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باھاردىكى بامبۇك نوتىسى يېيىشنىڭ پەسلى كېلىدۇ.
بىر سېۋەت ئەڭ يۇمران بامبۇك نوتىسىنى كولاپ، ئۇنى ئازراق تۇزلانغان گۆش بىلەن بىللە دۈملەپ قويغاندا، ئۆزگىچە بىر خىل تاماق تەييار بولىدۇ. قويۇق ئاق شورپا، بامبۇك نوتىسى ۋە گۆشنىڭ تەمى ئارىلاشقان بۇ تاماق، ئەتىيازدا يېيىشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئەگەر سىز پەقەت پارنىكتا تېرىغان بامبۇك نوتىسىنىلا يەپ، تاغدىكى مەززىلىك، يۇمران ياۋا بامبۇك نوتىسىنى تېتىپ باقمىغان بولسىڭىز، بامبوك نوتىسى يىگەن بولمايسىز. بىر تال چۈرۈك، يېڭى باھاردىكى بامبۇك نوتىسىنى كولاپ چىقىپلا خام يېگىلى بولىدۇ، بىر چىشلىگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ چۈچۈمەل، تاتلىق چۈرۈك، خۇش پۇراق تەمى ئىغىزىڭىزدا قالىدۇ ھەمدە پات- پات يىگىڭىز كىلىدۇ. مانا بۇ تەبىئەتنىڭ كۈچى. بۇ بامبۇك نوتىسىنى يەپ باققانلار: «بىز بۇرۇن ساختا بامبۇك نوتىسى يەپتۇق، ئەسىلىدە يېڭى بامبۇك نوتىسى دېگەن مۇنداق بولىدىكەن» دېيشىدۇ.
لىنئەن تيەنمۇشەن تېغى جىيۇشى كەنتى جۇڭگونىڭ بامبۇك ماكانى. لىنئەنلېي بامبۇكى، باش باھاردىكى چاقماق چىقىش بىلەن چىقىدىغان بامبۇك بولغاچقا داڭلىق، رەڭگى ئاپئاق قاشتېشىغا ئوخشايدۇ. ھەممە نەرسىدىن  قۇسۇر تاپىدىغان ئاشپەزلەرمۇ ئۇنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ.
ئادەتتە بامبۇك نوتلىرىنى بىۋاستە يىگىلى بولمايدۇ، بىراق بۇ يەردىكى چاقماق بامبۇك نوتىسىنى كولاپ چىقىرىپلا خام يېيىشكە بولىدۇ، بۇنى يېگەندىن كىيىنمۇ تەمى ئىغىزىڭىزدىن كەتمەيدۇ. ھەتتا «جۇڭگو يىمەكلىكلىرى» پىروگىرامىسىنىڭ 2- قىسسمىدا بۇ ھەقتە پىروگرامما ئىشىلىنپ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئالاھىدە بۇ جايغا كېلىپ سېتىۋالغاچقا، ئەسلىدىلا ئاز بولغان ياۋا چاقماق بامبۇكى تېخىمۇ ئازلاپ كەتتى.
ئەتىياز كىرگەندىن كىيىن كىلىمات ئىللىق ۋە نەم، ھۆل- يىغىن كۆپ بولغاچقا، يەر ئاستىدا ئوزۇقلۇق مول بولىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇ يەرنىڭ سېرىق توپا بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى باشقا جايلاردىن يۇقىرى بولغاچقا، بامبۇك نوتىسى باشقا جايلارنىڭدىن چۈرۈك. بۇ تاغ رايونىدىن چىقىپلا كەتسە، بامبۇك نوتىسىدا بۇنداق تەم قالمايدۇ» دېيىشىدۇ. چاقماق بامبۇكىنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، تۇنجى بىر مەيدان يامغۇردىن باشلاپ ھېسابلىغاندا پەقەت 25 كۈنلا بولدۇ.
بۇ مەزگىلىدىكى مەززىلىك، تەبئىي بامبۇك نوتىسىنى يېيشنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغاندا، يەنە بىر يىل ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ. سەھەر سائەت 5 دىلا، بامبۇك نوتىسى يىغقۇچىلار تۇمانلىق تاغ ئىچىگە كىرىپ، كۆپ يىللىق تەجرىبىسىگە تايىنىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن بامبۇك نوتىسىنىڭ ئەتراپىدىكى توپىلارنى كولاپ بوشۇتۇپ، بامبۇك نوتىسىنى ئاستا ئېلىپ، يىلتىزىنى زەخمىلەندۇرمەي، بامبۇك نوتىسىنىڭ قايتا ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن، توپا بىلەن تىندۇرۇپ  قويىدۇ.
چاقماق بامبۇكى كەنت ئاياللىرىنىڭ قولىدا تىزلىكتە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بامبۇك نوتىسى كولاشتا ۋاقىت بىلەن بەسلىششكە توغرا كىلىدۇ، ئۇنى يېڭى پىتى ساقلىغاندا، مەيلى قانداقلا پىشۇرسا يېيىشلىك بولىدۇ. ئەگەر بامبۇك نوتىسى ئىچىدىكى داڭلىق قورۇمىلارنى ساناشقا توغرا كەلسە، «تۇزلانغان يېڭى بامبۇك» كەم بولسا بولمايدۇ. يالپاقلانغان يېڭى بامبۇك نوتىسنى تۇزلانغان گۆش بىلەن بىرگە قازانغا سىلىپ، سۇس ئوتتا دۈملىگەندە، قازاننىڭ تۇۋىقى ئېچىلىشى بىلەن ئۇنىڭ مىزلىك پۇرىقى ئەتراپقا تارايدۇ.ئەتىيازلىق كۆكتاتلارنىڭ ئىچىدىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى، تاغدىكى كۆمۈلۈپ قالغان قىممەتلىك ئوزۇقلۇق بولغان بامبۇك نوتىسىنىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن ۋە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بولۇپ، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ بىئاراملىقنى يوقىتىدۇ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى