قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغۇل رايونى دەۋەلدۈرۈك قازاق يېزىسىنىڭ چەچەي كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارنىكتا شوخلا تېرىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

2018-04-24 11:26:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغۇل رايونى دەۋەلدۈرۈك قازاق يېزىسىنىڭ چەچەي كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارنىكتا شوخلا تېرىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
چەچەي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان پارنىكتىكى شوخلىلار يېقىندا ئارقا- ئارقىدىن پىشىپ، قىزىرىشقا باشلىدى. ئۇلار ئەمدىلا ئۈزۈلگەن شوخلىلارنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال ئىدى. كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكلەرنىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. كەنت ئاھالىسى جۈمەباي سۇلتان مۇنداق دېدى:- بىز تېرىغان شوخلىلار ھازىر ناھايىتى ياخشى ئۆستى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىزگە نۇرغۇن جەھەتلەردە يادەم قىلدى.      
 2017- يىلى قۇمۇل شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى، شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنىنىڭ چەچەي كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، بۇ يەردىكى تاغدىن كۆچۈپ چۈشكەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى پارنىك بارلىقىنى ئەمما ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولماسلىقى سەۋەبلىك بۇ پارنىكلارنىڭ تېرىماي تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ياكى ھۆددىگە بېرىۋېتىلگەنلىكىنى ئىگىلىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى تىت-تىت بولدى. ئۇلار كەنت ئاھالىلىرىنى پارنىكتا شوخلا تېرىشكە ئىلھاملاندۇردى. يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنى ئۇلارغا بۇ جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپلا قالماي يەنە ئامال قىلىپ ھەر بىر پارنىك ئۈچۈن 500 يۈەنلىك مايسا يېتىشتۈرۈش ياردەم پۇلى ئاجراتتى. بۇنىڭ بىلەن 12 ئائىلىلىكتىكى كەنت ئاھالىسى 20 پارنىكتا شوخلا تېرىدى.      
بۇ يىل 4- ئايدا، چەچەي كەنتىدە تۇنجى شوخلا پىشتى. چەچەي كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنى يەنىمۇ كۆپرەك پۇل تاپقۇزۇش ئۈچۈن، قۇمۇل شەھىرىدىكى «دۇڭجاڭچۈن» توپ سېتىش بازىرىدا چەچەي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەر سىڭدۈرۈپ تېرىغان شوخلىلىرى ئۈچۈن بىر يايما ئورنى تېپىشىپ بېرىشكە ياردەملەشتى. «دۇڭجاڭچۈن» توپ سېتىش بازىرىدىكىلەرمۇ چەچەي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى شوخلىلىرىنى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش ئۈچۈن ھەقسىز يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر چەچەي كەنتىدىكى شوخلىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك سېتىلىش مىقدارى 1 مىڭ 500 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر كىلوگرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 3 يۈەن، بىر يىلدىكى ئىككى قېتىملىق پىشىش مەزگىلى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئايىمگۈل كېرەم مۇنداق دېدى:- دېھقانلىرىمىزنىڭ پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى. بىز دېققەتنى ئۇلارنىڭ شوخلىنى سېتىش جەريانى ۋە سېتىش يولىغا داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىمىز. 

 تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى