قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاتلىق ياڭيۇ قېقى

2018-04-24 11:40:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 كۆپىنچى ئانىلار ھامان بىرەر تاماققا ئۇستا بولىدۇ.
  بىر قېتىم، دوستۇمغا يۇرتۇمنىڭ تاتلىق ياڭيۇ قېقىدىن بەردىم، يۇمشاق تاتلىق ياڭيۇ قېقىنىڭ ئېتى ئاپئاق ئىدى. دوستۇم ئاپىسىنىڭ بۇ خىل تاتلىق ياڭيۇ قېقىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بازاردىكىسى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى قانداق پىشىرىدىغانلىقىنى سورىدى. مەن سەل ئويلىۋالغاندىن كىيىن، بۇنى پىشىرىشنىڭ سەل ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى، شەھەردىكىلەرنىڭ پىشىرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئەمەلىيەتتە پىشىرىش تەرتىپىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزۈممۈ تولۇق بىلمەيتتىم، بۇنى يۇرتقا قايتىپ چوڭلاردىن سوراشقا توغرا كېلەتتى.
نېمىشكە يۇرتۇم ۋېيخەيدىلا مۇشۇنداق مېزىلىك، تاتلىق، ئاپپاق ياڭيۇ قېقىنىڭ بولىدىغانلىقىدىن ئەجەپلىنەتتىم، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان تاتلىق ياڭيۇ قاقلىرىنىڭ ھەممىسى سېرىق، قاتتىق ئىدى، بەزىلىرى ھەتتا بىنەپشە رەڭدە بولاتتى، تەمىمۇ ئادەتتىكىچە ئىدى. يۇرتقا قايتىپ چوڭلاردىن سورىغاندىن كىيىنلا ئۆيدە تاتلىق ياڭيۇ قىلىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى، يەنە كۆپلىگەن ئىش تەرتىپلىرىدىن ئۆتۈش كېرەكلىكىنى، قۇياش نۇرى، ھاۋا، ۋاقىتنىڭ مۇۋاپىق بولىشى كېرەكلىكىنى بىلدىم.
ئالدى بىلەن، تاتلىق ياڭيۇنى چوڭ قازاندا ھوردا پىشىرىمىز، تاتلىق ياڭيۇنى يەردىن كولاپ ئېلىپلا قاق قىلغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى رەتلىك تىزىپ، ھوردا پىشىرغاندىلا ئاندىن تاتلىق بولىدۇ. ھورداپ پىشىرىلغان تاتلىق ياڭيۇنىڭ پوستىنى سويىۋېتىپ، چوڭ كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق قىلىپ توغراپ، پاكىز ئەنبەلگە قويىمىز، ئاندىن ئۆگزىنىڭ تۈز، ئاپتاپ ياخشى چۈشىدىغان يېرىگە يايىمىز، شامال تاتلىق ياڭيۇدىكى سۇ تەركىبىنى پارلاندۇرۇپ، يۇمشاق تاتلىق ياڭيۇنى ئىلاستىكلىققا ئىگە قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تاتلىق ياڭيۇنى چىشلىسە چىشقا چاپلىشىدۇ. تاتلىق ياڭيۇنىڭ چىشقا چاپلىشىشىنى ياخشى كۆرىمەن. بالىلىق چاغلىرىمدا، مومامنىڭ ئۆيىدە دەرىزە تەكچىسىگە يېيىغلىق تاتلىق ياڭيۇ قېقىنى قۇرىماستىنلا يەپ تۈگىتەتتىم، بۇ تەكچىدە تاتلىق ياڭيۇ قېقى ئەزەلدىن تەلتۆكۈس قۇرۇپ باقمىغان ئىدى.
پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلەردە تاتلىق ياڭيۇ قاقلىرى بەش-ئالتە كۈندە يېرىم قۇرۇيدۇ، ئۇلارنىڭ سۈيىنى پۈتۈنلەي قۇرىتىۋەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئىلاستىكلىقى يوقاپ، قاتتىق بولۇپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، قار- يامغۇرلۇق كۈنلەردە تاتلىق ياڭيۇ قېقىنى ئۆيگە ئەكىرىۋېتىش كېرەك، بولمىسا قىلغان ئىشىمىزنىڭ ھەممىسى بىكار بولىدۇ. قېينى ئانامنىڭ ئۆيىدىكى ئىككى قازان تاتلىق ياڭيۇ قېقى دەل يامغۇر ياغقان كۈنى ۋاقتىدا ئۆيگە ئەكىرىۋەتمىگەنلىك سەۋەپلىك پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، قايتىدىن تاتلىق ياڭيۇ قېقى قىلىشقا توغرا كەلگەن ئىدى.
تاتلىق ياڭيۇ قېقى قۇرۇتۇشتا مەخسۇس بىر ئادەم ئۆيدە قارىمىسا بولمايدۇ، ھاۋا بۇزۇلغان كۈنلەرنى ھىسابلمىغاندا، ئادەتتە بىر ئايدا تاتلىق ياڭيۇ قېقى پۈتۈنلەي قۇرۇپ تەييار بولىدۇ ۋە بارلىق ئىش تەرتىپلىرى تاماملىنىدۇ. كەچتە يېيىۋېتىگەن تاتلىق ياڭيۇ قېقىنى ئۆيگە ئەكىرىۋېتىشكە ياكى ئۈستىگە بىر قەۋەت رەخت يېپىپ، ماي قەغەز بىلەن ئوراپ، كەچتىكى شەبنەمدە نەم تارتىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
تاتلىق ياڭيۇ قاتتىق- يۇمشاقلىقى مۇۋاپىق قۇرىغاندا كۆكۈش ھالەتكە كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنى يىغىۋېلىپ، پاكىز سېۋەتكە سېلىپ، ئۆي ئىچىدىكى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سالقىن جايغا شىكەر تەركىبى سىڭىشىپ ئاقارغانغا قەدەر قويىمىز.
شەندۇڭ يېرىم ئارىلىدىكى چيۇلىڭ رايونى قىزىل تاتلىق ياڭيۇ ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ تاتلىق ياڭيۇلىرىنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى، ئۇنىڭدىن ياسالغان قاقلارمۇ ناھايىتى يىيىشلىك بولۇپ، ھالۋا بىدىت قېقىدىن قېلىشمايدۇ. تاتلىق ياڭيۇ قېقىنىڭ نەم تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى كۈندە ئۆرۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بولمىسا ئاقارماستىن كۆكۈرۈپ قالىدۇ. يېرىم ئايدىن 20 كۈنگىچە، بۇ تاتلىق ياڭيۇ قېقى سۈپەتلىك قۇرۇپ، كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان يېمەكلىككە ئايلىنىدۇ.
قىشتا يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ قالسىڭىز، تاتلىق ياڭيۇ قېقى ۋە قورۇلغان يەر ياڭىقى بىلەن مېھمان قىلىدۇ. ھەر بىر ئائىلە قۇرۇتقان تاتلىق ياڭيۇ قېقىنىڭ سۈپىتى ئوخشىمايدۇ، ياساش ئۇسۇلىمۇ پەرقلىنىدۇ. شۇڭا، تەييار بولغانلىرىمۇ تەبىئى پەرقلىنىدۇ، بەزىلىرى بەكلا قۇرۇق، قاتتىق، چىشلەپ ئۈزۈش تەس بولسا، بەزىلىرى ئېغىزغا كىرىپلا ئېرىشكە باشلايدۇ، بەزىلىرى كىشىگە كۈزدىكى ئىللىق قۇياش نۇرى ۋە سالقىن شامالنى ئەسلىتىدۇ. خېلى كۆپ تاتلىق ياڭيۇنى قۇرۇتقاندىلا ئاندىن بىر تەلەڭگە قاق چىقىدۇ. يالتىراق خالتىغا سېلىپ ئاغزىنى چىڭ ئېتىۋەتسىڭىز ئاسانلا كۆكۈرۈپ قالىدۇ. تېمپىراتۇرا يۇقىرى بولسا سېسىپ كېتىدۇ. شۇڭا، تاتلىق ياڭيۇ قېقىنى پار بار ئۆيدە ساقلاشقا بولمايدۇ. تەلتۆكۈس قۇرىغان تاتلىق ياڭيۇ قېقى سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ، يۇرتۇمدىكىلەر تاتلىق ياڭيۇ قېقىنى دائىم ئۇننىڭ ئارىسىدا ساقلايدۇ، ئاندا مۇندا ئۆرۈپ قويىدۇ. تاتلىق ياڭيۇ قېقى بەكلا نازۇك بولىدۇ، شامالداپ قالسىلا دەرھال قېتىۋالىدۇ.
سانائەت ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاتلىق ياڭيۇ قېقى ماشىنىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئۇلار ھوردا پىشىرىش، توغراش، قاقلاپ قۇرۇتۇش قاتارلىق بىر قانچە باسقۇچلار بويىچە ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇتقاندا تاتلىق ياڭيۇنى بەك قۇرۇق، قاتتىق قۇرىتىۋېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوراپ قاچىلاش، ساقلاش، توشۇشقا قولاي بولىدۇ. ئۇ ئەلۋەتتە ئادەتتىكى ئۇششاق يېمەكلىك ھىسابلىنىدۇ. يۇرتۇمنىڭ تاتلىق ياڭيۇ قاقلىرىدا بولسا سۇ تەركىبى كۆپرەك بولىدۇ، ئۇنى ياساشقا كېتىدىغان ۋاقىت كۆپرەك، تەمىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ.
باشقا يۇرتتا ۋېيخەينىڭ تاتلىق ياڭيۇ قېقى توغرىسىدا گەپ بولۇنسىلا ئاغزىمغا سېرىق سۇ كېلىدۇ، قوشنام ياپونىيەدە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان يىگىت، دائىم ئانىسىنىڭ تاتلىق ياڭيۇ قېقى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلاتتى. ئانىسى بولسا توشۇش ھەققىنى بەك قىممەت كۆرسىمۇ يەنىلا ئازراق بولسىمۇ ئەۋەتەتتى. بۇ تاتلىق ياڭيۇلار يۇرتنىڭ قۇياش نۇرى ۋە شاماللىرى، يەنە ئانىنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى