قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىۋېتسىيەلىك پوچتاليون يىرىك شېغىلىنى سەنئەت ئەسىرىگە ئايلاندۇردى

2018-04-24 13:51:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شىۋېتسىيەلىك پوچتالىيون پونتۇس جانسون يۇقىرى تەڭپۇڭلۇق ساقلاش ماھارىتى بىلەن يىرىك شېغىلدا ئۆزگىچە «سەنئەت ئەسىرى»نى ياساپ چىقىپ، تور دۇنياسىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
  پونتۇس قىلىپسىز يىرىك شېغىلنى ئۈستى-ئۈستىگە قويۇپ، ئۆزگىچە سەنئەت ئەسىرى تەييارلاپ كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان. كىشىلەر پونتۇسنىڭ تاشنى كۈچلۈك يىلىم بىلەن چاپلىمىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى 100 مىڭدىن ئاشقان.
  يەتتە يىل ئىلگىرى، پونتوس ئولەند ئارىلىدا تۇنجى قېتىم تاش مۇنار دۆۋىلىگەن، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ تاش دۆۋىلەش سەنئىتىگە مەپتۇن بولۇپ، بۇ خىل ماھارەتنى ئۆگەنگەن، ئۆگەنگەنسېرى «تەڭپۇڭلۇقنىڭ سېھرىي كۈچى»گە مەپتۇن بولغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تاش دۆۋىلىگەندە ئادەم ئېغىر-بېسىق، ئەستايىدىل بولىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى