قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

13ياشلىق بالېتچى قىزنىڭ ئەگەشكۈچىسى 70 مىڭغا يەتتى

2018-04-24 13:55:29     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەلىك 13ياشلىق قىز يانا چېرېپانوۋا كەسپىي بالېت ئۇسۇلچىسى بولۇپ، يېقىندا ئۇ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ماھارەتنى ئىشلىگەن ۋىدىيونى ئالاقە تورىغا چىقىرىپ، 70 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىگە ئېرىشكەن. ئىگىلىنىشىچە، يانا تۆت ياش ۋاقتىدىن باشلاپ بالېت ئۇسۇلى ئۆگىنىشنى باشلىغان. ئۇ ھەر دائىم «مەن بالېتنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. چوڭ بولغاندا داڭلىق بالېت ئۇسۇلچىسى بولغۇم بار، گەرچە بۇ جەريان بەكمۇ جاپالىق بولسىمۇ، يەنىلا مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئەرزىيدۇ» دېگەن.
  يانانىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدا ئۆزىنىڭ جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىشى ۋە ئاپىسى ئولگانىڭ ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قويۇشى بەكمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. ئولگا بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېگەن: «مەن ناھايىتى تەلەپچان ئانا، ئەگەر يانا ياخشى ئوينىيالمىسا، مەن چوقۇم بىرىنچى بولۇپ ئۇنى تەنقىدلەيمەن، مەن ئۇنىڭ كەلگۈسىدە دۇنياغا داڭلىق بالېت چولپىنى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى