قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپرېل ئايلىرىدىكى ھەيۋەتلىك سايرام كۆلى

2018-04-24 20:31:46     天山网   


تەڭرىتاغ تورى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى يۈزىدە بىپايان سۈزۈك ئاسماندىكى ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن سايىسى ئەكس ئەتكەن ئىدى، كۆل يۈزىدىكى مۇزلار ئېرىشكە باشلىغان بولۇپ، مۇز يېرىقچىلىرىدىن مارىغان سۈپسۈزۈك سۇلار ئىللىق قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى، ئەينەك كەبى كۆل يۈزى بۇ جاينىڭ مەنزىرىسىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشقان ئىدى.
 
  4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تېمپېراتۇرىنىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، سايرام كۆلى يۈزىدىكى مۇزلار ئېرىشكە باشلايدۇ، ئېرىۋاتقان مۇز پارچىلىرى ۋە سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى قۇياش نۇرىدا جىلۋىلىنىپ، گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. كۆل بويىدا بولسا، يېڭىلا ئېرىگەن مۇز پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ، ئاجايىپ مەنزىرە پەيدا قىلىدۇ.


  
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى