قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئارزىگۈل ئالىمجان كەم سۆز يېزا ئايالىدىن ئۈندىدارغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىغان، مودا ئايالغا ئايلاندى

2018-04-25 11:34:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ماناس ناھىيەسى ماناس بازىرى لۇنەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئارزىگۈل ئالىمجان تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك، كەم سۆز يېزا ئايالىدىن ئۈندىدارغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىغان، مودا ئايالغا ئايلاندى.
ئارزىگۈل ئالىمجان قوشماق تۇغقىنى، ماناس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ماناس بازىرى لۇنەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى لى شىنخەيگە ئۆزىنىڭ ئۈندىدار دۇكىنى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەندە، چىرايىدا شاتلىق جىلۋە قىلاتتى. ئىككى يىل ئىلگىرى ئارزىگۈل ئالىمجان بۇنداق ئەمەس ئىدى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لى شىنخەي تۇنجى قېتىم ئارزىگۈل ئالىمجاننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئارزىگۈل ئالىمجان ئىككى بالىنى بېقىش بىلەنلا بولۇپ، تۈزۈك گەپ قىلمايتتى. لى شىنخەي مۇنداق دېدى: ئارزىگۈلنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، ئاساسەن گەپ قىلمايتتى. سوئال سورىسام خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاران جاۋاب بېرەتتى.
لى شىنخەي ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە، دائىم ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يەشتى. ئارزىگۈل ئالىمجاندا ئىگىلىك تىكلەش ئويى پەيدا بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۇغقىنىم دائىم تۇرمۇشۇمغا ياردەم بېرىدۇ، مەن بۇنىڭدىن خىجىل بولۇپ، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ تېخىمۇ تىرىشماقچى بولدۇم.
ئارزىگۈل ئالىمجان بىر قېتىملىق ئويلىمىغان پۇرسەتتە ئۈندىدار سودىسى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۈندىدار سودىسىنى سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى. ئۇ 2 قېتىم ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۈندىداردا سېتىش بويىچە تەربىيەلەندى ھەم ساغلاملىق باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئېلىپ، توردا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا باشلىدى. لى شىنخەي ئىزچىل ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئارزىگۈل ئالىمجاننىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بەردى. ئارزىگۈل ئالىمجان مۇنداق دېدى: دەسلەپتە ئىگىلىك تىكلىگەندە بەك ئالدىراش بولۇپ، ئۆيدىكى ئىشلارغا چولام تەگمەيتتى. تۇغقىنىم لى شىنخەي دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ، بەزىدە ئۆيۈمدە قونۇپ بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇلارغا تاماق ئېتىپ بېرىپ، ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مېنىڭ خاتىرجەم ئىشلىشىمگە شارائىت يارىتىپ بەردى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئارزىگۈل ئالىمجاننىڭ ئۈندىدار دۇكىنىنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى زورىيىپ، يەنە بازاردا دۇكان ئاچتى. لى شىنخەي مۇنداق دېدى: ئارزىگۈلنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى ياخشى بولىۋاتىدۇ، بىزمۇ بەك خۇش بولدۇق. ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى يېتەكلىمەكچى، مەن ئىلگىرىكىدەكلا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىمەن، ئۇنى قوللايمەن، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىمەن.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى