قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈنجۈت قىيامى

2018-04-26 19:38:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 بېيجىڭلىقلارنىڭ ئىچىدە كۈنجۈت قىيامىنى ياخشى كۆرمەيدىغىنى يوق. سۆز تىۋىشىدىنلا، ئۇلارنىڭ كۈنجۈت قىيامىنى ئىچ ـ ئىچىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ياخشى كۆرۈشى قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، ھەقىقىي، چوڭقۇر ياخشى كۆرۈش بولۇپ، يول بويىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇللارنىڭ كۈنجۈت قىيامى بىلەن ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. خۇددى چېن شاۋچىڭ «يۇمىلاق ئۈستەل» دېگەن پىروگراممىسىدا: «بېيجىڭلىقلارنىڭ بىرەر نەرسىگە قارىتا ياخشى- يامان دەپ باھا بېرىشى-- ئۇلارنىڭ يېمەكلىكلەرگە بەرگەن باھاسىدا ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، لۈداگۈئېر، دوۋجىئېر. ئۇلارنىڭ «ئېر» قوشۇمچىسى بىلەن تەلەپپۇز قىلغىنى بىر قەدەر ناچارلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كۈنجۈت قىيامى، يەنى. «جىماجىياڭ» دېگەن سۆزىدە «ئېر» قوشۇمچىسى يوق، بۇ دېگەنلىك تەمىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
 بېيجىڭلىقلار بىر ئاي ئۆردەك كاۋىپى، دورا- دەرمەكتە پىشۇرۇلغان يىمەكلىك، گۆرۈچ تامىقى يېمىسىسمۇ بولىدۇ. ئەمما، بىر ھەپتە كۈنجۈت قىيامى يېمىسە ھەرگىز تۇرالمايدۇ.
     تاڭ تېخى يورۇمىغان ۋاقىتتىلا، بېيجىڭلىقلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تامىقى كۈنجۈت قىيامى بىلەن تەييارلىنىش ھالىتىگە كىرىدۇ. بىر قاچا ھورى چىقىپ تۇرغان ئىسسىق تاماققا بىر قوشۇق كۈنجۈت قىيامى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاستا- ئاستا سۈمۈرۈپ ئىچىلىدىغان ناشتىلىق؛ بىر قاچا سوغۇق سۇدىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان چۆپكە كۈنجۈت قىيامى ئارىلاشتۇرۇپ، تەمىنىڭ مەززىلىكلىكىدىن كىشىنى مەست قىلىدىغان چۈشلۈك تاماق؛ قاراڭغۇ چۈشكەندە، يەل قازان شورپىسى گۆشى، چۆكىگە قىستۇرۇلغان يېمەكلىكنى شورپىغا سېلىپ نەچچە ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، قاچىدىكى كۈنجۈت قىيامىغا تەككۈزۈپ يېيىش، خۇددىي لاۋشى ئېيتقاندەك: «ئۇ ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلىشىنىڭ جەۋھىرى!»، ھاياتلىقتىكى ئىناقلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن كەچلىك تاماق.
  بېيجىڭلىقلار قانداق بولۇپ كۈنجۈت قىيامىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان؟ بۇ مەسىلىدە، كۈنجۈت قىيامىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى لاۋشى ئەپەندىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى ئەڭ چوڭ. ئىقتىسادىي شارائىتىمىز ناچار ۋاقىتلاردا، بىر ئائىلىدە بىر نوپۇسقا پەقەت ئىككى سەر كۈنجۈت قىيامى بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر مال قىس بولۇش ئەھۋالى يۈز بېرىپ قالسا، ھەرگىز سېتىۋالغىلى بولمايتتى. بۇ ئەھۋال لاۋشى ئەپەندىنى قاتتىق جىددىيلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بىۋاسىتە مەركەزگە خەت يېزىپ، بېيجىڭلىقلارنىڭ يازدا كۈنجۈت قىيامىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ كۈنجۈت قىيامى قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، بېيجىڭنىڭ ماي- تۇز سېتىلىدىغان دۇكىنىدا كۈنجۈت قىيامى بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭلىقلار مەززىلىك كۈنجۈت قىيامى چۆپى يېيەلەيدىغان بولدى.
  ياخشى كۈنجۈت قىيامى قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر سىز كونا بېيجىڭلىقلاردىن سورىسىڭىز، ئۇلار چوقۇم، كۆكتات بازىرىغا بېرىپ، كۈنجۈت قىيامىنىڭ مەززىلىك پۇرىقىغا ئەگىشىپ مېڭىڭ، دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ئاق كۈنجۈتنى ئېزىشتە يارغۇنچاق ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر كۈنجۈت قىيامى ياساش ئۆيىدە چوقۇم كۈنجۈت يېغى قوشۇپ سېتىلىدۇ، كۈنجت يېغى كۈنجۈتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پىشىقلاپ ئىشلىنىش جەريانى.
  كونا بېيجىڭلىقلارنىڭ نەزىرىدە بىر بوتۇلكا ئېسىل كۈنجۈت قىيامىنىڭ ئۆلچىمى مۇنداق: 
1- پۇراق جەھەتتىن. بۇرنىڭىزغا قويۇق كۈنجۈت قىيامى پۇرىقى گۈپۈلدەپ ئۇرۇلىدۇ، رەڭگى قەھۋە رەڭلىك بولۇپ، بىۋاسىتە تېتىغاندا چوقۇم ئاچچىقراق، كۈچلۈك، باشقا ھېچقانداق ماددىلار ئارلاشتۇرۇلمىغان تەمدە بولىدۇ، بۇ ساپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
2- كۈنجۈت يارغۇنچاقتا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. يېنىدا يارغۇنچاقتا تارتىلغان كۈنجۈت يېغى تەڭ سېتىلىدۇ. بۇ ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
3- بېيجىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان، تارىخى ئۇزۇن، ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ كەلگەن بولىشى كېرەك.
    سېتىۋېلىپ كېلىنگەن كۈنجۈت قىياملىرى ساپ كۈنجۈت قىيامى بولۇپ، تەمى ئاچچىقراق، بىۋاسىتە يېيىشكە بولمايدۇ. سۇ بىلەن ئېرىتىپ، تۇز ۋە باشقا خۇرۇچلار بىلەن تەڭشىلىدۇ. تۇنجى قېتىم بېيجىڭلىقلارنىڭ كۈنجۈت قىيامى ئېرىتكەن ھالىتىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇلاردا بىر خىل ھۈنەرۋەن روھىنى كۆرىسىز. ئۇلار سىزگە كۈنجۈت قىيامىنى قانداق ئېرىتىشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ.
  سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلگەن كۈنجۈت قىيامىدىن ئىككى- ئۈچ قوشۇقنى قاچىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق تۇز ئارلاشتۇرۇپ، ئاندىن چوكا ياكى قوشۇق بىلەن ئارلاشتۇرىلىدۇ. بىر تەرەپتىن ئىچىگە ئاستا- ئاستا سوۋۇتۇلغان قاياقسۇنى قۇيۇپ، چوكا بىلەن سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشىدە توختىماي ئايلاندۇرىدۇ. ياخشى كۈنجۈت قىيامى ئازراق سۇ قۇيسا تېخىمۇ قويۇلۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ سىز سېتىۋالغان كۈنجۈت قىيامىنىڭ ھېچقانداق ئارلاشما ماددا قوشۇلمىغان ساپ قىيام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، داۋاملىق سۇ قۇيۇپ، داۋاملىق ئارلاشتۇرىسىز. 
  بۇ كۈنجۈت قىيامى بىلەن قاتمۇ- قات ئورىۋېلىنغان شەھەردە، كۈنجۈت قىيامى خۇددى بارلىق كىشىلەرنىڭ قايغۇ- ھەسرىتى ۋە خۇشاللىقلىرىغا ئوخشاش، بېيجىڭلىقلارنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى