قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈمۈتۋارلىق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ كىشىگە ئاكتىپ روھىي ھالەت ۋە مۇۋاپىقىيەت ئاتا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە

2018-04-26 21:02:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پىسخولوگلار بىر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتتىن بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەرنى تاللاپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىپتۇ، ئۇلار بۇ تەنھەرىكەتچىلەرگە قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ھەرىكەتنى قىلىشنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ  ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچىلەر بولغاچقا، چۇقۇم قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ تەنھەرىكەتچىلەر ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپتۇ. بىرىنچى گۇرۇپپا تەنتەربىيە زالىغا بارغاندىن كېيىن ھەر قانچە تىرىشقان بولسىمۇ تەلەپنى ئورۇنلىيالماپتۇ. ئىككىنچى گۇرۇپپا تەنتەربىيە زالىغا بارغاندا، تەتقىقاتچىلار ئۇلارغا بىرىنچى گۇرۇپپىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، شۇنداقلا ئىككىنچى گۇرۇپپىغا مەدەت بېرىپ سىلەر بىرىنچى گۇرپىغا ئوخشىمايسىلەر دەپتۇ، ھەمدە ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى تەنھەركەتچىلەرگە بىر دورىنى بېرىپتۇ شۇنداقلا «بۇ بىر خىل يېڭى دورا بولۇپ، سىلەرنى دەرىجىدىن تاشقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزىدۇ» دەپ ئۇلارغا يىگۈزۇپتۇ. نەتىجىدە ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر ئىنتايىن ئاسانلا قىيىن مەشىقلەرنى ئورۇنلاپ ئويلىمىغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ.
ئۇ نېمە دورا؟ دەپ سوراپتۇ قاتناشقۇچىلاردىن بىرى. پىسخولوگلار ئۇ دورىنىڭ پەقەتلا ئازراق ئۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
دېمەك ئۆزىگە ئىشىنىش ئۈمۈتۋارلىق ۋە شۇ ئۈمۈتنىڭ تۈرتكىسىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشى نەتىجىلەر يار بولىدۇ.  ئەگەر بىز ھەممە ئىشتا بىر خىل پاسسىپ ۋە ئۈمىدسىز پوزىتسىيىدە بولساق، ھە دېسىلا باشقىلار ماڭا ياخشى نىيەتتە بولمايۋاتىدۇ، مېنى كەمسىتىۋاتىدۇ، مېنى ئالداۋاتىدۇ دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرىدا چۇقۇم رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ئەكسىچە ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزدىكى بۇ پاسسىپ كەيپىياتلارنىڭ ھەممىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تۇرمۇشقا بىر خىل ئاكتىپ ۋە ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بىلەن ئاتلىنىدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆز نىشانىڭىزغا چۇقۇم يېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز كۈتكىنىڭىزدەك مۇۋەپپەقىيەتكە چۇقۇم ئېرىشەلەيسىز.
ئۇنداقتا ئۈمۈتۋار كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسى، روھى ھالىتى زادى قانداق بولىدۇ؟
ئادەم ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھېسسىياتىغا ئۆزى مەسئۇل بولالايدۇ ھەم ئۇنى تىزگىنلىيەلەيدۇ، بۇ بىر خىل ئوي پىكىرنى، بىر خىل تەقدىرنى تاللىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈمىدۋار ئادەم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى ھەر قاچان ھەر ۋاقىت ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار بارلىق پۇرسەتلەرنى ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئىشلارنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويمايدۇ، بەلكى پۈتۈن دىققىتى بىلەن بېرىلىپ قىلىدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۈمىدۋار كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنى ۋە ئۇلارنىڭ شاد خۇرام تەبىئىتىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۈمۈتۋار، مۇۋەپىقىيەت قازانغان كىشىلەر قىزغىنلىقنى ياقتۇرىدۇ، ئۇلار يالغۇز ئۆزىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ قالماي بەلكى يەنە ئۆزىگە يېقىن كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم قىلىدۇ.
ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن دائىم تەبەسسۇم يېغىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى مۇلايىم كېلىدۇ، ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىن ئاكتىپ پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىزدەيدۇ، ھەمىشە باشقىلارغا نىسبەتەن ئاپىرىن ئېيتىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدىن ئۈمىدۋار كىشىلەر كەم بولمايدۇ، ئۇلار ھەر كۈنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشايدۇ.
ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئوڭۇشسىزلىق پۇرسەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلار بۇ خىل ساغلام ھەم ئىنتىلىشچان روھىي ھالەتنى يەنە ئۆز ئەتراپىغىمۇ تارقىتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ئۇلار ئۆزىمۇ ناھايىتى ئاكتىپ ئوبراز ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ بارلىق ئىدىيىسى ۋە تەسەۋۋۇردا ئۆزى ئۈچۈن گۈزەل كارتىنىلارنى سىزىدۇ، يەنە ئۆزىنى تۇرمۇشى بەختلىك، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ئۇلار ھەمىشە ئالدىنئالا، مېنىڭ ئارزۇيۇم چۇقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئۇلار تەسەۋۋۇرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنى ئەڭ يۇقىرى نىشانلار ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۈمىدۋار كىشىلەردە كەلگۈسىگە نىسبەتەن پىلان بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ نىشانىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا مۈشكۈل ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، ئۇلارنى تېخىمۇ قەيسەرلەشتۈرىدۇ. ئۇلار ئوڭىشسىزلىقلارنى قارشى ئالىدۇ، ھەرگىز كەينىگە يانمايدۇ، ئوڭىشسىزلىقلار ئارقىلىق ئۆزىنى چېنىقتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە بىلىم ئىگىلەشكە دىققەت قىلىدۇ.
ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ باشقا كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، ئۇلاردا قالايمىقان ۋە چۈشكۈن ھالەت ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى مەنىسىز بولمايدۇ.  ئۇلار كىشىلىك ھايات سەپىرىدە نىشانسىز يۈرمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس نىشانى بولىدۇ. ئۇلار قايسى نىشاننىڭ مۇھىم، قايسى نىشاننىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار يەنە ئۆز نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلان لايىھىلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن ئۆز كۆڭلىدە ئاشۇ مۇۋەپپەقىيەتنى بىر قۇر ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېيىن مۇۋەپپەقىيەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بۇ ناھايىتى تەبىئىي بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى