قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىلگىرىكىدىن بەش كۈن ئالدىغا سۈرۈلىدۇ

2018-04-26 19:24:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  تولۇق كۇرس 1- تۈركۈمىگە ئارزۇ تولدۇرغاندىن باشلاپ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كېيىنكى تۈركۈم ئارزۇسىنى ئۆزگەرتىپ تولدۇرغىلى بولىدۇ. مەملىكەت بويىچە مۇكاپاتلاش خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇش بىكار قىلىنىپ، ج خ ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قوشۇلىدۇ. «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» تۈنۈگۈن (4.25) رەسمىي ئېلان قىلىندى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىپ، 8- ئاينىڭ 27- كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بەش كۈن ئالدىغا سۈرۈلىدىكەن. 

 ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، «بەلگىلىمە» دە بۇ يىلقى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نومۇر قوشۇش سىياسىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى، ئارزۇ توپلاش قاتارلىق مەزمۇنلار تەڭشەلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. «بەلگىلىمە» جەمئىي 13 قىسىم ۋە 85 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپى، ئىدىيە، سىياسىي، ئەخلاق جەھەتتىن باھالاش، بەدەن ساغلاملىقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئىمتىھان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئۇچۇرنى ئېلان قىلىش ۋە ئاشكارىلاش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىراجىتى، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قوشۇمچە قائىدە قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار «بەلگىلىمە» نىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىغا قىزىقسا، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى