قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئۈنچە- مەرۋايىت قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى

2018-04-27 20:11:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئۈنچە-مەرۋايىت قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىگە زەرگەرلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن. 7 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە قاشتېشى ئويمىچىلىق سەنئىتى، شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغان گۈل يىپى نەقىش ھۈنەر سەنئىتى، مىڭ سۇلالىسى دەۋردە گۈللەنگەن فەرەڭ ھۈنەر سەنئىتى يەنى جىڭتەيلەن سۈنەر- سەنئىتى قاتارلىق ئەجداتلاردىن مىراس قالغان قەدىمىي قىممەتلىك بۇيۇملاردىن بىز مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە قول ھۈنەر ماھارىتىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو ئۈنچە- مەرۋايىت بۇيۇملىرىنى ياساش ئۇستىلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ ئەڭ ياخشى نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ.
1. ئەڭ شانلىق ئالتۇن- كۈمۈش بۇيۇملىرى سەنئىتى- كۆك رەڭنى كۆيدۈرۈش.
  بۇ «كۈمۈش كۆكى»، «كۈمۈش فەرەڭ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇخىل ھۈنەر سەنئىتى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گۈللەنگەن. بۇ ھۈنەر ئاساسلىقى كۈمۈش بۇيۇملارغا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئالتۇن ھەل بېرىش ھۈنەر سەنئىتى بىلەن كۆك رەڭ بېرىش ھۈنەر سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل ھۈنەر- سەنئەت ئۇسۇلى. ئېلىمىزنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا گۈل يىپى ۋە كۆك رەڭنى كۆيدۈرۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ھۈنەر- سەنئىتى ھەر خىل كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشتا ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدا ئاۋۋال كۈمۈش بۇيۇملار ئۈستىگە كۆك رەڭ بېرىلىپ ئاندىن يۇقىرى تېمپىراتۇرادا تاۋلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل قەدىمىي زىننەت بۇيۇملىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشقان. بېيخەيدىكى توققۇز ئەجدىھا تېمى ۋە تيەنتەندىكى تىلاۋەت قەسىرى قاتارلىقلارغىمۇ كۆك رەڭنى كۆيدۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. توققۇز ئەجدىھا تېمىدىكى رەڭگى ئوخشاش بولمىغان زور ئەجدىھا كۆك رەڭنى كۆيدۈرۈش ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ مۇكەممەل نامايەندىسى.
 2. ئەڭ مۇرەككەپ ئۇنىۋېرسال قول ھۈنەر سەنئتى- فەرەڭ يەنى جىڭتەيلەن.
  فەرەڭ يەنى جىڭتەيلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر- سەنئەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مىڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭتەي يىللىرىدا گۈللەنگەن، ياساش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن. ئۇنىڭغا كۆك فەرەڭ رېڭىنى ئىشلىتىش ئاساس قىلىنغاچقا، فەرەڭ يەنى جىڭتەيلەن دەپ ئاتالغان. جىڭتەيلەن ئىشلەپچىقىرىش قول ھۈنە- سەنئىتى ئۇنىۋېرسال سەنئەت بولۇپ، ئۇنى گۈزەل سەنئەت، قول ھۈنەر، ئويما، قۇيما، مېتاللۇرگىيە، ئەينەك ئېرىتىش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ. قەدىمدە جىڭتەيلەن ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئوردىدىكى ئاق سۆڭەكلەرلا ئىشلىتىدىغان   بولۇپ، ئۇ ھوقۇق ۋە مەرتىۋىنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. ئىلگىرىكى خان ئوردىسى بولغان شەھەرىستان، خانلىق باغچىسى  يىخېيۈەنلەردىن بىز ئەينى چاغدا ساقلىنىپ قالغان سانى ئانچە كۆپ بولمىغان جىڭتەيلەن سەنئەت بۇيۇمىنى ئۇچرىتالايمىز.
 3. ئەڭ ھەشەمەتلىك ئوردا سەنئىتى- گۈل يىپ نەقىشى ھۈنەر سەنئىتى.
  گۈل يىپ نەقىشى ھۈنەر سەنئىتى ئالتۇن ھۈنەر-سەنئىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، كۈمۈشتىن ياسالغان باشقا تاقايدىغان بۇيۇملار ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىلىرىدە، گۈل يىپ نەقىشى ھۈنەر سەنئىتى يەنجىڭدىكى سەككىز ماھارەتنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن. گۈل يىپ نەقىشى ھۈنەر سەنئىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ماتېرياللار ئالاھىدە، ھۈنەر سەنئىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئەزەلدىن خان جەمەتى ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا ئوردا سەنئىتى تۈرىگە تەۋە. ھازىر مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ داڭلىق زۇمرەت ماركىسى «جاۋيى زۇمرەت ئۆيى» گۈل يىپ نەقىشى ھۈنەر سەنئىتىگە قارىتا قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بىزنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلدى ھەم تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇدى.
   4. ئەڭ ئەنئەنىۋى مېتال ئويمىچىلىقى سەنئىتى- چېكىلمە.
  چېكىلمە بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ تارىخى گۈل يىپ نەقىشى ھۈنەر سەنئىتى تېخنىكىسىدىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە باشلانغان، يېغىلىق دەۋرىدە ئەۋج ئالغان. بۇ ئالتۇن ئۈستىگە چېكىلمە نەقىش ئىشلەش ئۇسۇلى بولۇپ، چېكىلمە، نەقىشلەش ئاساس قىلىنىدۇ. چېكىلمە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي سېھرىي كۈچى ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلارنى كۆپەيتتى. ئوخشاش بولمىغان چېكىلمە ماھارىتى قەدىمكى ئالتۇن كۈمۈش بۇيۇملىرى ئۈستىدىكى گۈل تۈرىنى موللاشتۇرغان بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن مودەنگۈل، جۈيخۇاگۈل، سەككىز ئەۋلىيا، ھۈر، ئۆمۈر يۇلتۇزى، بوبرا كېيىك، سۇمرۇغ، تاغ دەريا قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى شەكلى بار.
 5. ئەڭ «ھاياتىي كۈچ» كە ئىگە قول ھۈنەر سەنئىتى- چىچەك چىقىرىش.
 چېچەك چىقىرىش قەدىمكى زاماندىكى زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشتىكى بىر خىل ھۈنەر- سەنئەت بولۇپ، تارىخى ئۇزۇن، ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. چېچەك چىقىرىشتا ئاۋۋال رەڭگى يېشىل قۇشلارنىڭ پەيلىرى، يەنى توزغا ئوخشاش قۇشلارنىڭ پەيلىرى توپلىنىدۇ، ئاندىن بۇنىڭدىن گۈل ياسىلىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئالتۇن- كۈمۈش زىبۇ زىننەت ياساش ھۈنەر- سەنئىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەش ھۈنەر- سەنئىتى مۇرەككەپ، ساقلاش ۋە ئىشلىتىش ئىنتايىن تەس شۇنداقلا قۇشلار پەيلىرىنى تاپماق تەس بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق دەۋرنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئىتى ئاساسەن دېگۈدەك يوقىلىپ كەتكەن. ھازىرقى زاماندا بىز كۆرۈۋاتقان چىچەك گۈلى ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن قېلىپ قالغان ھۈنەر سەنئەت زىننەت بۇيۇمى بولۇپ، چىچەك گۈلى سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىيەنلۇق دەۋرىدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىنگونىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ ئورنىنى كۆكرەڭنى كۆيدۈرۈش ئالغان، 1933- يىلى جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى چىچەك گۈلى ھۈنەر سەنئەت زاۋۇتى تاقالغان. قۇش پېيىنى بازاردىن تاپقىل بولمىغاچقا، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چېچەك ھۈنەر سەنئىتى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى.
 6. ئەڭ نازۇك ئالتۇن- كۈمۈش ئويما ھۈنەر- سەنئىتى- ئالتۇن- كۈمۈش نەققاشچىلىقى.
  ئالتۇن- كۈمۈش نەققاشچىلىقى ئەڭ دەسلەپتە شاڭ، جوۋ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى برونزا ئەسۋابلاردىن باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى برونزا ئەسۋابلارغا ئويۇلغان نەقىشلەر ئىدى. ئاۋۋال جابدۇق يۈزىگە ئويۇلماقچى بولغان كۆرۈنۈشنى سىزىۋېلىپ، رەسىم ئارقىلىق نەقىش شەكلىنى چىقىرىپ، ساپ ئالتۇن ياكى ساپ كۈمۈشتىن ئىنچىكە سىم ياكى بېسىپ ياپراقچە شەكىلگە كەلتۈرۈپ قىستۇرما رەسىم نەقىشلەر ئىچىگە ئورنىتىپ، ئاندىن سىلىقلاپ تەكشىلەپ، ئاندىن پارقىراق قىلىدۇ. ئالتۇن ھۈنەر- سەنئىتى مىس قوراللار دەۋرى  مەدەنىيىتى بىلەن تۆمۈر قوراللار دەۋرى  مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزارا بىرلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى.  تۆمۈر بولمىسا مىسنىڭ ئۈستىگە نەقىش ئويغىلى بولمىغاچقا، بىرونزا دەۋرىنىڭ  ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ، ئالتۇن- كۈمۈش نەققاشچىلىقى تەدرىجىي ھالدا تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەن.
 7. تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئويمىچىلىق ھۈنەر- سەنئىتى- قاشتېشى ئويمىچىلىقى.
 جۇڭگو قاشتېشى ئويمىچىلىق ھۈنەر- سەنئىتى 7 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇ جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن، فىئوداللىق جەمئىيەتتە گۈللەنگەن. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ماھىر ئۇستىلار يېتىشىپ چىقىپ، سانسىزلىغان ئېسىل قاشتېشى ئويما زىننەت بۇيۇملىرى بارلىققا كەلگەن. بۇ قاشتېشى بۇيۇملارنى تارىختا پادىشاھلار، ئاقسۆڭەك ھوقۇقدارلار ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ قالماي، يەنە كىشىلەر تەرىپىدىن گۈزەللەشتۈرۈلۈپ، يەنە سوۋغات، سىياسەت، دىن، ئەخلاق، مەدەنىيەت، بايلىق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئالاھىدە سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلانغان. بۇ پەقەتلا جۇڭگو ھۈنەر- سەنئەت مەدەنىيىتىدە بار بولغان بىر خىل ھادىسە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى