قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شەرقىي شىماللىقلارنىڭ قىزىقارلىق ئۆرپ ئادەتلىرى

2018-04-27 20:11:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شەرقىي شىماللىقلار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش چاغاندا تۈگۈر يىيىشىدۇ. پوجاڭزا ئاتىدۇ، چاغانلىق مەسنەۋىلەرنى ئاسىدۇ، كەچتە تۈنىگەندە يەنە بىر قېتىم تۈگۈر يەيدۇ. بۇ جەھەتتە باشقا يەردىكىلەردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. شەرقىي شىماللىقلار دۈملەپ پىشۇرۇلغان كۆكتاتلارنى يىيىشنى ياقتۇرىدۇ. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، بۇنىڭغا يەنە ئازراق ئادەمگىياھ، گۈمبەمەدەك، ياۋا كۆكتاتلارنى قوشىۋىتىدۇ.
  ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش جەھەتتە، شەرقىي شىماللىقلار ياڭگىر ئۇسسۇلى ۋە ئىككى كىشىلىك لەپەرنى شۇنداقلا يەنە ھەممىمىزگە تونۇشلۇق شەرقىي شىمال ئىپىزوتلىرىنى كۆرۈشنى ياقتۇرىدۇ. شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئىككى كىشىلىك لەپەرى ئۇسسۇللۇق ناخشا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ شەرقىي شىماللىقلارنىڭ يەرلىك ئۇيۇنى. شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئەلنەغمىلىرىدىن ئۆزگەرگەن شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئەل ئىچى سەنئەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. ھازىرقى زامان داڭلىق ئىستېتىكاشۇناس ۋاڭ چاۋۋېن ئىككى كىشىلىك لەپەرگە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: بۇ قىز ساددا، شوخ، جانلىق، چاققان، ئۇماق ھەتتا ئازراق كەپسىز. ئۇنىڭ ھەرىكىتى ھەم چىرايلىق، سىپايە ھەم شوخ، جانلىق، خۇددى بىر تىكەنلىك ئەتىرگۈلنىڭ ئۆزى. ئىككى كىشىلىك لەپەرگە شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئەلنەغمىلىرى، ئۇسسۇلىرى ۋە ئېغىز تىلى ئەدەبىيات جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئوچۇق يورۇق مىجەزى، قۇيۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى ئىپادىلىنىدىغان ئەل ئىچى سەنئەت تۈرى. بۇنىڭ ئۈچ يۈز نەچچە يىللىق تارىخى بار. بۇ شەرقىي شىماللىقلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدا كەڭرى ئومۇملاشقان بىر خىل ئەل ئىچى مەدەنىيىتى. شەرقىي شىمالدا يەتمىش، سەكسەن ياشلىق بوۋاي، مومايلاردىن تارتىپ نەچچە ياشلىق بالىلارغىچە «ۋاڭ ئاچىنىڭ ئېرىنى سېغىنىشى»، «غەربى ھوجرا خاتىرىسى»، «جۇباجيېنىڭ خوتۇنىنى يۈدىشى» دېگەندەك لەپەرلەردىن ئازراقتىن ئېيتالايدۇ. ئىككى كىشىلىك لەپەر ئېيتىشنى شەرقىي شىماللىقلارنىڭ تۇغما تالانتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مەدەنىيىتى. بۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، شەرقىي شىمال ئاھالىلىرى بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلگەن. ئىككى كىشىلىك لەپەرنىڭ تىلى ئاددى، چۈشىنىشلىك، قىزىقارلىق بولۇپ، تۇرمۇش ۋارىيانتىغا تۇيۇنغان. ئەڭ دەسلەپتە، كۈندۈزى ياڭگىر ئوينايدىغان ئارتىسلار كەچتە شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئەلنەغمىلىرىدىن ئارىيە ئورۇنداپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولغان. شۇنداق قىلىپ ئىككى كىشىلىك لەپەر پەيدا بولغان. كىيىن بۇنى كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى، شۇنداقلا ھەر قايسى جاي مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىككى كىشىلىك لەپەرنىڭ مەزمۇنى بىيىغان. ئەل ئارىسىدا، «بىر ۋاق غىزا كەم بولسا مەيلى، ئىككى كىشىلىك لەپەر كەم بولسا بولمايدۇ» دەيدىغان گەپمۇ بار. بۇنىڭدىن ئىككى كىشىلىك لەپەرنىڭ ئامما ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىش قىيىن ئەمەس. ئىككى كىشىلىك لەپەردىن شەرقىي شىماللىق ئەمگەكچىلەرنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشتەك روھى ھالىتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
شەرقىي شىماللىقلارنىڭ يەنە بىر ئادىتى- چوغدان. چوغدان شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى. بۇنىڭ ئىچىدە چوغ بولىدۇ. ئۇنى كاڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقسا، ئۆي ئىچى بىردەمدىلا ئىسسىپ قالىدۇ. بۇرۇن شەرقىي شىماللىقلار كاڭغا تايىنىپ ئۆي ئىچىنى ئىسسىتاتتى. بۇنىڭدا ئۆي بەك تەستە ئىسسىيتتى. بەزىدە كىشىلەر كاڭنى شۇنچە قىزىتىۋەتسىمۇ، سىرت بەك سوغۇق بولغاچقا ئۆي ئىچى بەك ئىسسىپ كېتەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر چوغداننى ئىجاد قىلىشقان. چوغدان لاي ياكى مىستىن ياسىلىدۇ. چوڭ كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. بەزىلىرى چوغداننىڭ سىرتىغا ھەتتا ھەر خىل سۈرەتلەرنى ئۇيۇپ قويىدۇ. ئاموفىن، شال پاخىلى، قوناق شىخى  قاتارلىق زىرائەت قالدۇقلىرىنى كۆيدۈرۈپ چوغ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بۇلارنىڭ پوستى قاتتىق. ئادەتتە كاڭنىڭ ئىچىدە ياكى ئوچاقتا قالاپ، چوغغا ئايلانغاندا ئېلىپ چىقسا، ئۇنىڭ پەقەت 60، 70 پىرسەنت قىسمىلا كۆيگەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ھارارىتى ناھايىتى يۇقىرى. بۇنى چوغدانغا ئىشلەتسە ئۇزۇن ۋاقىت ئىسسىقلىق چىقىرالايدۇ. بۇ يەردىكى چوڭلار ۋە بالىلار يىمەكلىكلەرنى ئوتقا قاقلاپ يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قەھرىتان قىشتا،  شىۋېرغانلىق كۈنلەردە، ئۆي ئىچىدە كىشىلەر كاڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ھېكايە ئېيتىشىدۇ، قەغەز گۈل قىيىشىدۇ. لاتا خەي تىكىشىدۇ. بەرەڭگە، تاتلىق بەرەڭگە قاتارلىقلارنى چوغدانغا چۆرىدەپ قويۇپ، قاقلاپ پىشۇرۇپ يىيىشىدۇ. بەزىدە قازناقلىرىغا ئىسىپ قويۇشقان يېپىشقاق پۇرچاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، قاقلاپ يىيىشىدۇ. بۇنىڭدىن تارالغان خۇشپۇراق ئۆي ئىچىگە لىق تولىدۇ. چوڭلار، بالىلار ساپسېرىق ، ھەم مېزىلىك ھەم تاتلىق پىشقان يېپىشقاق پۇرچاقلارنى تالىشىپ تۇرۇپ يىيىشىدۇ. چوغدان يەنە بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئۆي شارائىتىگە ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان. «شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئۆيى توغرىسىدا» دېگەن يازمىدا: ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئىچكىرى ۋە تاشقىرىقى ئۆي دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئىچكىرىكى ئۆينى تاغلىقلار ئىسسىنىش ئۆيى دىيىشىدۇ. بۇ تاغلىقلارنىڭ داۋاملىق تۇرىدىغان ئۆيى. بۇ خىل ئۆي يەرنى يېرىم مېتىردىن كۆپرەك كولاپ، ئۈستىگە يەنە ئۆينىڭ رامكىسىنى تىكلەش ئارقىلىق سېلىنىدۇ. ئۇلار ئۆي ئىچىگە يەنە كاڭ سالىدۇ. كاڭنىڭ ئۈستىگە چوغدان قويىدۇ. كىشىلەر سىرتتىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال كىيىملىرىنى سېلىشىپ، كاڭغا قويۇپ قاقلاپ قۇرۇتىدۇ. تاغنىڭ ئىچى نەم بولغاچقا، مەيلى ئەتىياز، ياز، كۈز، قىشتا بولسۇن، بۇ يەردىكىلەر كىيىملىرىنى كاڭدا قۇرۇتۇپ كىيىشىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ئەتىسى تاغقا چىقالمايدۇ. بۇ يەردىكىلەر ئۆيىگە مېھمان كەلسە، «كاڭغا چىقىپ پۇت قوللىرىڭىزنى ئىسسىتىۋىلىڭ، چوغداننى ئالدىڭىزغىراق تارتىڭ» دىيىشىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن.    مانا بۇ شەرقىي شىماللىقلارنىڭ خاسلىقى، قىزىقارلىق مىللىي ئۆرپ ئادەتلىرى. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا ، شەرقىي شىمالغا ئۆزىڭىز بىر بېرىپ كۆرۈپ كېتىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى