قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاۋ شۇاڭنىڭ دادىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، پەرھات ئەركىن دوختۇرخانىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش تىزىملىكىنى كۆرۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇندى

2018-04-27 16:41:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  يېقىندا، بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى مانىشاڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق تاۋ شۇاڭنىڭ دادىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. بۇ ئائىلىنى ھۆددىگە ئالغان كادىر پەرھات ئەركىن دوختۇرخانىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش تىزىملىكىنى كۆرۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇندى يەنە مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە كۈچ ئۇلاشقا تەشكىللىدى.
  ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، تاۋ شۇاڭنىڭ دادىسىنىڭ جىددىي خاراكتىرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قوزغىلىپ، بورتالا ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئورۇنلاشتى. تاۋشۇاڭ ئائىلىسىنى ھۆددىگە ئالغان كادىر-- بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىلىق دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھات ئەركىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شۇ ھامان 2 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە يېزىغا، بۇ بوۋايغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 2 مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى ئىلتىماس قىلدى. بۇنىڭدىن تاۋ شۇاڭ ئىنتايىن تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: دادامنىڭ كۈنلۈك چىقىمى 7 يۈەن ئەتراپىدا بۇلىۋاتىدۇ. ئائىلىمىز بۇنداق زور چىقىمنى ھەقىقەتەن كۆتۈرەلمەيتتى. ئاكام پەرھات بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئائىلىمىزنىڭ نۇرغۇن يۈكىنى يېنىكلەتتى. ئاكامغا رەھمەت.
    شۇنداق بولسىمۇ، بوۋاينىڭ ھاياتى يەنىلا خەۋپتىن قۇتۇلالمىدى. پەرھات ئەركىن يەنە ئاكتىپلىق بىلەن ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىنى توردا ئاۋامدىن پۇل غەملەشكە قوزغىدى.
   قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈندە نۇرغۇن مېھرىبان كىشىنىڭ ياردىمىدە، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە پۇلى ئارقا- ئارقىدىن تاۋ شۇاڭنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. تاۋ شيۇاڭ مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، پەرھات ئاكام ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىن يىغىلغان ئىئانە پۇل 27 مىڭ 816 يۈەنگە يەتتى، بۇ پۇل بىزنىڭ ئائىلىگە دەل ۋاقتىدا ئەسقاتتى، بىزمۇ ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق ھەم بەك تەسىرلەندۇق. پەرھات ئەركىن مۇنداق دېدى: مەن بىر پارتىيىلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۇقرالارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى دەپ قارايمەن. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى