قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قوشماق تۇغقانلىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى

2018-04-27 16:46:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  ئىككى كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قوشماق تۇغقانلىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، تۇغقانچىلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، تۇغقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.
  ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بەينياۋخۇ يېڭى رايونىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسىدىن كەلگەن 96 قوشماق تۇغقىنى بىلەن بىللە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرىخىنى بىللە تىكىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورمىنى بەرپا قىلىش» جامائەت پاراۋانلىقى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ تىڭ ئارال كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەركىن توختى بىلەن تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، ئاكىسى ئەركىن توختى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، يەنە ئاكىسىغا ياردەملىشىپ ئاشپەزلىك خىزمىتى تېپىشىپ بېرىپ، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئەركىن توختى مۇنداق دېدى: ـــ سىڭلىم جاڭ تىڭ پات ئارىدا توي قىلىدۇ، مەن خوتۇن- بالىلىرىم بىلەن ئۇنىڭ تويىغا قاتنىشىمەن.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرىخىنى بىللە تىككەندىن سىرت، كەنت ئاھالىلىرى يەنە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى ناھىيەسى تيەنكاڭ يۇقىرىقى تاغ سۈت كالىسى زاۋۇتى، تېڭخوڭشىن باقمىچىلىق- تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە يوڭشىڭ كەنتى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدا ئېسكۇرسىيە قىلىپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسى بىلەن تونۇشتى. قىزىلتۇ كەنتى ئاھالىسى ئىسرايىل جۈمە مۇنداق دېدى: ــــ قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ يەردە ئۆگەنگەن ئىلمىي كالا بېقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمەن. باش شۇجى «بەخت كۈرەشتىن كېلىدۇ» دېدى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، 10 ئائىلە بىرلەشمە كالا باقمىچىلىق كوپېراتىپى قۇرىمەن، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ بىللە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئىشەنچىم بار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى