قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

2018-04-28 16:52:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى دۆڭ ئارىش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى، دوكتور راخمانجان غوپۇر (سولدىن1- كىشى) كەنت ئاھالىلىرىگە شالنىڭ يېڭى سورتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرمەكتە. بۇ شۆبە قاراقاش ناھىيەسىدە شالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش قاتارلىق 35 تۈرنى يولغا قويۇپ، 21 مىليون 740 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

(مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ فوتوسى)

ئونسۇ ناھىيەلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چاغراق يېزىسىنىڭ گۈلباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 4- ئاينىڭ 21- كۈنى كەنت قورۇسىدا «ھەر مىللەت ئامما قولنى- قولغا تۇتۇشۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» دېگەن تېمىدا ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىتىلدى.    سۈرەتتە: ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش.

(تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان فوتوسى)
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى