ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىرنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار ئاچقان تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسى 31 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر- يېزىلاردا 333 مىڭ 700 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سالغان، 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر- يېزا ئاھالىسى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن.
بۇلتۇر ئىلى ئوبلاستى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى «ئاساسىي رەھبەر تۇتىدىغان قۇرۇلۇش» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەردىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، شەھەر- بازارلاردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ، «دۆلەت تىلى» يەسلىسى، خەلققە قولايلىق يېقىلغۇ گاز قۇرۇلۇشى، شەھەر- بازارلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2019-12-31 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-15 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-14 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-13 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-12 |
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492 ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى |