قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توردا تاماق زاكاز قىلىش شەھەر ئاھالىلىرى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى

2018-04-28 17:04:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋەر قىلىدۇ: ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، توردا تاماق زاكاز قىلىش كىشىلەرگە نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى. بۇ تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، بارغانسېرى شەھەر ئاھالىلىرى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.

  شەھەر ئاھالىلىرى يان تېلېفون ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق تاماق زاكاز قىلسىلا، زاكاز قىلغان تاماق بىردەمدىلا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئەكىرىپ بېرىلىدىغان بولدى.

  يېقىندا مۇخبىر شىنجاڭ «داۋايى» غىزا يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتىدە تاماق زاكاز قىلىش سۇپىسىدىكى خادىملارنىڭ ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى. تاماق زاكاز قىلىش سۇپىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300دىن ئارتۇق زاكاز تاپشۇرۇۋالىمىز، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىشچى- خىزمەتچىلەر.

  شىنجاڭ «داۋايى» غىزا يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى قاسىمجان ئوسمان مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ قۇرۇلغىنىغا بىر يېرىم يىلدىن ئاشتى. خېرىدارلار زاكاز قىلغان تاماقنى تاپشۇرۇۋېلىپ پۇل تۆلىسىمۇ ياكى ئۈندىدار چىقىمدانىدىن تۆلىسىمۇ بولىدۇ. ھازىر زاكاز كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. خېرىدارلارغا قەشقەر شەھىرىمىزدىكى داڭلىق ئاشخانىلارنىڭ تامىقىنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ شەھەر- يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدۇق. ھەمكارلىشىدىغان ئاشخانىلارنى تاللىغاندا چوقۇم تازىلىق سۈپىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدۇق. باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈۋاتىمىز. ھازىر شىركىتىمىزدە ئىشلەۋاتقانلار ئوندىن ئاشىدۇ. كېيىن تىجارەت دائىرىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تارماق شىركەتلەرنى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى