قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭىدىن قۇرۇلغان لوپنۇرلۇقلار كەنتىنىڭ كەنت ساياھەتچىلەر مەركىزى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى

2018-04-28 17:25:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   


تەڭرىتاغ تورى تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ۋاڭ خەنبىڭ خەۋىرى، فوتوسى: لوپنۇر ناھىيەسىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەتچىلەر مەركىزى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
  ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 3600 كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، مەنزىرە نۇقتىلىرى بېلىتى سېتىش، تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇش، ساياھەت يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتى، سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەرز قىلىش، يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى. ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن سەيلىگاھنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماستىن، ساياھەتچىلەرگە قولاي، ئازادە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت تەمىنلىنىدۇ، شۇنىڭدەك بۇ مەركەز لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، لوپنۇر ناھىيەسى ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسى قاتارلىقلارنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
  لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت ئورنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال چېتىدىكى لوپنۇر ناھىيەسى دۆڭقوتان يېزىسىدىكى تارىم دەريا بويىغا جايلاشقان، سەيلىگاھنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزىي شەھىرى كورلا بىلەن بولغان ئارىلىقى 85 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت AAAA دەرىجىلىك سەيلىگاھ ۋە دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەيلىگاھ لوپنۇر مەدەنىيىتىنى يېتەكچى ئامىل، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئاساس، ئۇنىۋېرسال بايلىق ئېچىشنى نىشان، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىنى ئالاھىدىلىك قىلغان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى، تارىم دەرياسى، توغراقلىق، كۆللەر بىر گەۋدىلەشكەن، خىلمۇخىل تەبىئىي مەنزىرىلىك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۆزگىچە بولغان سەيلىگاھ ھېسابلىنىدۇ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى