قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو يىمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى

2018-04-28 16:38:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا «ئاق توشقان» ماركىلىق سۈتلۈك كەمپۈتنى يەپ قالساق ئۆزىمىزنى ناھايىتى بەختلىك ھېسابلايتۇق. ھازىر ئاددىي قەغەزگە ئورالغان «ئاق توشقان» ماركىلىق سۈتلۈك  كەمپۈتتىن بىرنى يىسەك، شۇ چاغدىكى بەختلىك چاغلىرىمىزنى قايتىدىن ئەسلەپ قالىمىز.
  ئىلگىرى «ئاق توشقان» ماركىلىق سۈتلۈك كەمپۈتنى تېپىپ يېيىش تەس ئىدى، ئۇنى يىگەن كىشى ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم دەپ ھېسابلايتى. ئەمەلىيەتتە بولسا، 80- يىللاردا تۇغۇلغانلار ساقلاپ كېلىۋاتقان مەززىلىك يىمەكلىكلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ.    «ئاق توشقان» ماركىلىق سۈتلۈك كەمپۈتتىن باشقا يەنە «مەيلىسۇ» مۇ بار. ئۇ دەۋرلەردە شاكىلات ناھايىتى ئەتىۋارلىق بۇيۇم بولۇپلا قالماي، مەيلىسۇمۇ ئەتىۋارلىق بۇيۇم ئىدى. ئۇنى يىگەندە ئادەم بەك ھوزۇرلىنىپ كىتەتتى. ئۇ چاغلاردا مەيلىسۇ چامباشچىلىق فىلىملىرىدىكى ئابىھاياتقا  ئوخشاش قالتىس يىمەكلىك ھىساپلىناتتى.
  مەيلىسۇدىن باشقا يەنە ئەنجۈرمۇ بار. ئەينى ۋاقىتتا ئەنجۈرنى ھازىرقىدەك سېتىۋالغىلى بولمايتتى. ئۇ چاغلاردا ئەنجۈر دېگىنىمىز، ئەمەلىيەتتە  پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تۇرۇپ قەلەمچىسى بولۇپ، ئاچچىق- چۈچۈك، ئىنچىكە، ئۇزۇن ئىدى، يەپ بولغاندىن كېيىن كالپۇك ئاپئاق بولۇپ كېتەتتى.     «كىچىك ئېيىق» تەييار چۆپى ھازىرمۇ سېتىلىۋاتقان بولسىمۇ، تەمى ئىلگىركىگە يەتمەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىل تەييار چۆپ، ئېلىمىزدە قۇرۇق پىتى يىگىلى بولىدىغان تەييار چۆپ يوق بولۇش بوشلۇقىنى تولدۇرغانىدى. «كىچىك ئېيىق» تەييار چۆپىگە ئازراق تېتىتقۇ سېپىپ يېسە باشقىچە  تەملىك بولۇپ كېتەتتى. «كىچىك ئېيىق» تەييار چۆپىنىڭ بازار تېپىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، خالتىسىنىڭ ئىچىدە «سۇبويىدا» رومانىدىكى لياڭشەن كۆلىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن كارتا بولۇپ، شۇ كارتىدىن 108 نى يىغسا مۇكاپات بېرىلەتتى.     يەنە بىر خىل ئۇششاق يېمەكلىك بار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى «ياپون پۇرچىقى» دەپ ئاتايتى، يەنە بەزىلەر بولسا ئۇنى بېلىق قاسرىقى يەر ياڭىقى دەپمۇ ئاتايتى. ئۇ يەر ياڭىقى مېغىزى، تورت پاراشوكى، شېكەر، كراخمال قاتارلىقلارنى ئاساسلىق خام ماتېرىيال قىلىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. تەركىبىدە بېلىق قاسرىقى بولمىسىمۇ، ھېلىمۇھەم بېلىق قاسرىقى يەر ياڭىقى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بېلىق قاسرىقى يەر ياڭىقىنىڭ تەمى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى، ئېلىمىزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە رايونى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە سېتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا پەيدا بولغان ئۆزگىچە يىمەك- ئىچمەكلەر ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن: پەشمەت، لەۋ سۇرۇخ كەمپۈت، قارىئۆرۈك قېقى، «جيەنلىباۋ» ئىچىملىكى قاتارلىقلار. بۇلار 80- يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ئەسلىمىسى بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ بالىلىق تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتقان يىمەك- ئىچمەكلەر دىيىشكە بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى