قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەتىيازلىق چاينىڭ يىغىۋېلىش ۋاقتى نىمىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؟

2018-04-29 15:57:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كونىلاردا: «چوكانتالنىڭ ئالدىدا ئۈزۈلگەن چاينىڭ قىممىتى ئالتۇن بىلەن تەڭ» دېگەن سۆز بار. داڭلىق يېشىل چايلارنى ئۈزۈشتە چوكانتال بايرىمى ۋاقىت ئۆلچىمى قىلىنىدىغان بولۇپ، چوكانتال بايرىمىنىڭ ئالدى- كەينىدە ئۈزۈۋېلىنغان چايلارنى ناھايىتى قەدىرلەپ، قىممەتلىك چاي ئورنىدا ساقلايدىغان ئادەت بار. بۇلتۇر، بەزى جايلاردا 2- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپلا چاينىڭ ئالدى يىغىلىشقا باشلىغان، بەزى جايلاردا بولسا، 3- ئايدىمۇ تېخى يىغىشقا باشلىمىغان، بەزى جايلاردا ھەتتا 4- ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يىغىلغان. ئۇنداقتا، ئەتىيازلىق چاينىڭ يىغىۋېلىش ۋاقتى نىمىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، چاينىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، يىغىلىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
     جۇڭگونىڭ چاي مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. «جۇڭگو چاي ئۈزۈش بايرىمى» مەملىكىتىمىزنىڭ چاي ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەنتەنىلىك پائالىيەت بولۇپ، بۇ بايرام- چاينىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغان سەھنە.
  خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىخۇدىكى شىزىفېڭ، لوڭجىڭ، ۋۇيۈنشەن قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى شىخۇ لوڭجىڭ چېيى ئىشلەپچىقىرىلدىغان جايلار. ھەر يىلى چوكانتال بايرىمىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى قىزىلكوس مەۋسۈمى، چاي تېرىيدىغان دېھقانلار ئالدىراش چاي ئۈزىدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، قورۇلغان چايلارنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ئەتراپقا تاراپ، سانسىز چايخۇمار كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. ساياھەتچىلەر چاي ئېتىزلىرىدا قانغۇچە سەيلە قىلىپ، خۇددى چاي تېرىغۇچى دېھقانلارغا ئوخشاش، مەززىلىك چاي ھېدلىرىغا مەستخۇش بوپ، چاي مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك سىھرى كۈچىدىن بەھىر ئالىدۇ.
  شىخۇ لوڭجىڭ چېيىنىڭ ئىسمى جاي نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇ جاي ھازىرقى لوڭجىڭ كەنتىدىن ئىبارەت. ھەر يىلى چوكانتال بايرىمىدىن كېيىن، چاي ئۈزگۈچى قىزلار يېڭى چاي يوپۇرماقلىرىنى ئۈزۈپ كەلگەندىن كېيىن، چاي قورۇش ئۇستىسى بۇنى قورۇپ، ئېسىل لۇڭجىڭ چېيى تەييارلاپ، ساياھەتچىلەرنى كۆرۈش ۋە تەم سەزگۈسى جەھەتتىن تويۇنۇش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ. كەنتتىكى چايخانا، قەدىمىي لوڭجىڭ قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بۇ چايزارلىقنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ، چاي يۇرتىنىڭ قويۇق مەدەنىيەت تۈسىنى ئاشۇرغان.
    مېيجىياۋۇ-- شىخۇ لۇڭجىڭ چېيىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، خاڭجۇ شىخۇ مەنزىرە رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. يۈنشىنىڭ غەربىگە ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان لاڭداڭلىڭ چوققىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تاغ باغرىدا. بۇ جاي ھازىر شىخۇدىكى ئون يېڭى مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ بىرى. مېيجىياۋۇ چاي مەدەنىيىتى كەنتىدە نۆۋەتتە 160 تىن ئارتۇق چايخانا بولۇپ، كەنتتىكىلەر بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەن مېھمانلارغا مېيجىياۋۇ چايچىلىقىنىڭ تارىخى، چاي يوپۇرمىقىنى ئۈزۈش- يىغىش ئۇسۇللىرى، قورۇپ پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلارنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ، چايغا ئائىت سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شىياۋياۋۇ تەبىئىي كەنتىنىڭ مەنزىرىسى بولسا تېخىمۇ ساپ، چايخانىلىرىمۇ ئۆزگىچە.
   بىلوچۈن چېيىنىڭ مەززىلىك تەمى كىشى قەلبىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئون چوڭ چاينىڭ بىرى. ئۇ سۇجۇ شەھىرىدىكى تەيخۇ كۆلى رايونىنىڭ دۇڭتىڭشەندە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭ شەكلى چىرايلىق، رەڭگى ئوچۇق، پۇرىقى كۈچلۈك، تەمى ساپ بولۇشتەك «تۆت ئالاھىدىلىك» ئى بىلەن جۇڭگو ۋە چەتئەللەرگە داڭلىق. بىلوچۈن چېيىنى يىغىش ھەر يىلنىڭ باھار مەۋسۈمىدە باشلىنىدىغان بولۇپ، قىزىلكوس مەۋسۈمىنىڭ ئالدى-  كەينىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە باھار مەۋسۈمىدىن چوكانتال مەۋسۈمىگىچە بولغان ئارلىقتا ئۈزۈۋېلىنغان «چوكانتال ئالدىدىكى چاي»-- سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولغان قىممەتلىك چاي ھېسابلىنىدۇ.
    چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، باھار مەزگىلىدە سۇجۇغا بېرىشتىكى مەقسەت، باغ- ئورمانلارغا بېرىپ سەيلە قىلىش بولماستىن، بەلكى، بىلوچۈن چېيىنىڭ ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايى دۇڭتىڭشەنگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىشتىن ئىبارەت. دۇڭتىڭ شەرقى تېغىدىكى چايزارلىقتا، بىلوچۈن چاي دەرىخىگە شاپتۇل، نەشپۈت، ئۆرۈك، ئانار قاتارلىق مىۋىلەر كىرىشتۈرۈلۈپ تېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ دەرەخلەرنىڭ يىلتىزلىرى تۇتىشىپ كەتكەن بولغاچقا، چايغا مىۋە تەمى سىڭىپ، گۈللەردىن چاينىڭ خۇش ھېدى كېلىدۇ. بۇ يەردە چايزارلىقتىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەڭگارەڭ گۈللەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقى تاغ ئۈستىدە، مۇكەممەل ساقلانغان ساياھەت نۇقتىلىرىدىن، قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان نەقىشلىك بىنا، ئەتراپى تاغ ۋە سۇ مەنزىلىرى بىلەن قورشالغان شى جەمەتى گۈللۈكى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي قۇرۇلۇش-- نەنمۇ قەسرى، قەدىمىي لۇخاڭ كەنتىدىكى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىن قالغان قەدىمىي ئىمارەتلەر، بىلو چوققىسى باغرىدىكى لىڭيۈەن ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار.
  دۇڭتىڭ غەربىي مەنزىرە رايونى تەيخۇ كۆلىدىكى بىرىنچى چوڭ ئارال. ئۇ دۇڭتىڭ غەربىي تېغى ئارىلى ۋە ئەتراپتىكى باشقا ئاراللاردىن تەركىب تاپقان. تاقىم ئاراللارنىڭ مەنزىرىسى بىلەن ۋۇيۆ دەۋرىدىن ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي يادىكارلىقلار مەنزىرىسى قوشۇلۇپ، خۇددى تەيخۇ تاغ- دەريالىرىنىڭ بارچە گۈزەللىكى بۇ جايغا مۇجەسسەملەنگەندەك كۆرۈنىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك بىلوچۈن چېيىنى تېتىپ باقماقچى بولسىڭىز، شىشەندىكى «شياۋشياۋەن» چايخانىسىغا بارسىڭىز بولىدۇ. ئۇ يەردە ئاتاغلىق چاي قورۇغۇچى ئۇستام قورىغان بىلوچۈن چېيىدىن ھوزۇرلىنالايسىز.
  سىز يەنە تەيخۇ كۆلىدىكى گۈللۈك كىمىگە ئولتۇرۇپ، بىلوچۈن چېيىدىن بىر ئىستاكان بۇيرۇتۇپ، ۋۇجۇڭنىڭ چاي مەدەنىيىتىدىن ھوزۇرلانغاچ  ياپ- يېشىل تاغلارغا قاراپ ئولتۇرسىڭىز قەلبىڭىز ئالەمچە شاتلىققا تولىدۇ. ئەلۋەتتە، سۇجۇ شەھىرىدە سىز يەنە باغ- ئورمان چايخانىسى، كېمە چايخانىسى، ئۆز كۈچى چايخانىسى قاتارلىق ئۈچ خىل ئالاھىدە جايلاردا تەييارلانغان بىلوچۈن چېيىنى ئىچەلەيسىز.
     فۇجيەننىڭ شىمالىدىكى داڭلىق ۋۇيىشەن تېغى- ئەتىياز مەزگىلىدىكى چاي ماكانى بولۇپ، 4-، 5- ئاي مەزگىللىرى بۇ يەرنىڭ چاي يىغىۋېلىش مەزگىلى، شۇنداقلا، چاي ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ ئالدىراش مەزگىل. بۇ يەرنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى-- ۋۇلۇڭ چېيى دەرىخى تاغ يېرىقچىلىرى ئارىسىدىن ئۈنۈپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «ۋۇيى تاش چېيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ-- جۇڭگو ۋۇلۇڭ چېيىنىڭ ئەڭ ئېسىلى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى «داخۇڭپاۋ» چېيى. ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتتا ۋۇيى تېغىغا ئوينىغىلى بارسىڭىز، يېڭى چاينىڭ خۇشبۇي ھېدى سىزنى مەستخۇس قىلىدۇ. خالىسىڭىز، چايزارلىققا كىرىپ، قولىڭىزغا سىۋەتتىن بىرنى ئېلىپ، ئەمگەكچان ۋە بەخىتلىك چاي يىغقۇچىنىڭ رولىنى ئېلىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. 
  چوكانتال بايرىمى ھارپىسىدا، ۋۇيىشەندىكى ھەر قايسى چايزارلىقلاردا تۈركۈملەپ چاي يىغىش- ئۈزۈش ئەمگىكى باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، نامى ئەڭ تارالغىنى يەنىلا «داخۇڭپاۋ» مەنزىرە رايونى. ۋۇيىشەن مەنزىرە رايونى بويىغا جايلاشقان تىيەنشىن، شىڭسۈن قاتارلىق كەنتلەردىكى ھەممە ئائىلىلەر چاي تېرىيدىغان بولۇپ، چاي پىششىقلاپ ئىشلەش ئۆيلىرىنى كەنتنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئادەتتە، چاي دۇكانلىرىنىڭ يېنىدىلا چايخانىلار بار. جۇڭگودىكى بىردىنبىر چاي مەدەنىيىتى سەنئەت يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋۇيىشەننىڭ ھەممىلا يېرىدىن قويۇق چاي مەدەنىيىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چاي ئىشچىسى مېھمانلارغا بىر ياقتىن چاي يىغىش مەشغۇلاتىنى تەپسىلىي ئۆگەتسە، يەنە بىر ياقتىن ۋۇيىشەن تاش چېيى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ھەتتا، 18 تۈرلۈك ۋۇيى چاي سەنئىتى مەشغۇلات تەرتىپىنىڭ ھەممىسىنى بىرنى قويماي، مېھمانلارغا ئۆگىتىپ قويىدۇ.
  ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى باھاردىكى چاي يىغىش مەزگىلىدە چاي تېرىغان دېھقانلار چاي تېغىغا چىقىپ توۋلاپ، چايغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ. ۋۇيىشەندىكى چاي يەرمەنكىسى باغچا رايونىدا سىز «چاي تېغىدا توۋلاش» نىڭ قىزىقچىلىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىپ، 600 يىل داۋاملاشقان بۇ «چاي تېغىدا توۋلاش» ئەنئەنىۋى ئادىتىنى ھېس قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
    «رەڭدار يۈننەن»-- يۈننەن قىزىل چېيىنىڭ ماكانى، پۇئېر چېيىنىڭ ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايى بولۇپ، چاي مەدەنىيىتى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. پۇئېر چېيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايى تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك ئالدى بىلەن يۈننەننىڭ پۇئېر شەھىرىنى يادىغا ئېلىشى مۇمكىن. ئەمما، چايغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شىشۇاڭبەننانىڭ ئوخشاشلا داڭلىق چاي چىقىدىغان چاي ماكانى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كۆپچىلىك خۇشخۇي، قىزغىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۆرگەندە، مېڭخەيدىكى قاتار كەتكەن قەدىمىي چايزارلىقنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ يەردىكى نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە چاي دەرىخى پادىشاھى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئىللىق باھار پەسلىدە، پۇئېر چېيىنىڭ يىغىۋېلىش مەزگىلىدە، يۈننەننىڭ غەربىدىكى كەڭرى كەتكەن چايزارلىقلارغا بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ چاي يىغىش مەزگىلىدىكى سۈرەت كەبى ئۆرپ- ئادەت تۈسلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ كەلگىڭىز يوقمۇ؟
  مېڭخەي ناھىيەسىدىكى نەننوشەن تېغى يېڭىدىن بېكىتىلگەن پۇئېر چېيى ئۆستۈرۈىلىدىغان ئالتە چوڭ تاغنىڭ بىرسى بولسىمۇ، بۇ يەردە چاينىڭ ئۆستۈرۈلىۋاتقىنىغا مىڭ يىلدىن ئاشقان. تاغ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەدىمىي چاي دەرەخلىرى بولۇپ، بۇ دەرخلەرنىڭ بەزىلىرىگە 800 يىل بولغان. ئىگىز ۋە قەدىمىي چاي دەرىخى پادىشاھى-- كىشىنى تېخىمۇ تاڭ قالدۇرىدۇ. يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن چايزارلىقلاردا، چاي يىغقۇچى قىزلارنىڭ باشلىرىغا چىغ قالپاق كىيىپ، دۈمبىسىگە چاي سىۋىتى ئېسىپ، قاتار كەتكەن چايزارلىقتا ئەركىن چاي ئۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر قىزىقسىڭىز، ئۇ قىزلار بىلەن بىللە چاي ئۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ. مېڭىپ ھارغاندا، چايزارلىقتا ئولتۇرۇپ، بىر ئىستاكان ساقلانغان پۇئېر چېيىدىن ئىچكەچ ئارام ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى، مەدەنىيەت تارىخى ئۇزۇن پۇئېر چېيىغا ئائىت سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز يەنە، چاي زاۋۇتىنىڭ پۇئېر چېيى يىغىپ- ساقلاش ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى پۇئېر چايلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئالدىرىماي كۆرۈپ، ئەڭ ئېسىل، ئۇزاق ساقلانغان پۇئېر چېيىدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ ھەم بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى